

12-ئاينىڭ 30-كۈنى CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گۇاڭجۇ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتتى، گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ھالىتى ئانچە ياخشى بولمىدى، يەككە چارەك مۇسابىقىدە 17 دىن 4 نى كىرگۈزۈپ ئاران 14 نومۇر ئالدى، شىنجاڭ كوماندىسى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، 1 ـ چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ 14 كە قارشى 31 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. 2 ـ چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى نومۇر جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللىدى، نومۇر پەرقى ئىزچىل 20 نومۇر ئەتراپىدا بولدى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى 52 گە قارىشى 31 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالدى.

گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ ھالىتى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلدى، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى ئىزچىل ئىنكاس قايتۇردى، ئابدۇسالام ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى ئارقىلىق كوماندىنىڭ مەيداندىكى ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەردى، ئۈچ چارەك مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا 77: 53 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق نومۇر پەرقىنى ساقلاپ قالدى، گۇاڭجۇ كوماندىسى نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتەلمىدى ، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 94: 76 نەتىجىدە گۇاڭجۇ كوماندىسىنى يەڭدى.
ئىككى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتى :

شىنجاڭ كوماندىسى: ئابدۇسالام 18 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 7 قېتىم پاس چىقىرىپ، 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى، چى لىن 15 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 2 قېتىم پاس چىقاردى، ھاررىس 14 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 5 قېتىم پاس چىقاردى، لاۋسون 13 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 5 قېتىم پاس چىقاردى، ئېلفۇرات 10 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 1 قېتىم پاس چىقاردى، ۋۇ گۇەنشى 9 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 1 قېتىم پاس چىقىرىپ، 3 قېتىم توپ قېقىۋەتتى ، ناتۇر 7 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 5 قېتىم پاس چىقىرىپ، 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى، لى يەنجې 6 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 1 قېتىم پاس چىقاردى، فېڭ ئاۋ 2 نومۇر ئېلىپ، 1 قېتىم پاس چىقاردى، گې خاۋرەن 1 قېتىم پاس چىقاردى

گۇاڭجۇ كوماندىسى: ۋېگگىنتون 21 نومۇر، بىر گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت ياردەمچى پاس بەردى، توماس 10 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ ياردەمچى پاس بەردى، شۈ شىن 10 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى، يۈەن جاۋياۋ سەككىز نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى، ليۇ يەنچېڭ بەش نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ ياردەمچى پاس بەردى، جاڭ شىڭلياڭ بەش نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى ياردەمچى پاس بەردى، لى شياڭبو بەش نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى، خولېدېي بەش نومۇر ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى، چېن گوخاۋ تۆت نومۇر ئېلىپ، ئىككى ياردەمچى پاس بەردى، ۋاڭ يىڭرەن ئىككى نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى، شاۋ ۋېييۈن بىر نومۇر، بىر گاردىن قايتقان توپ ئالدى، جاڭ كېدى بىر ياردەمچى پاس بەردى

本篇文章来源于微信公众号: 阿达西篮球
2025-12-31 19:30:29 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。



















ھازىرچا ئىنكاس يوق