子比主题美化教程
تەپسىلاتى
ئىنكاس
مەسىلىلەر

ئالتۇن توپتىنمۇ قىقاسمۇ؟ توپچىلارنى باھالايدىغان يېڭى مۇكاپات چىقتى

ئالاھىدە بايانات: تىزىملاتقان ئەزا دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش ئەركىنلىكىدىن بەھرەلەنەلەيدۇ، ئەھمىيەت بىلەن ئايرىپ بېقىڭ. بارلىق مەنبەلەر توردا توپلانغان بولۇپ پەقەت ئۆگىنىش، مەسلىھەت ۋە تەتقىقات ئۈچۈن، بۇ چۈشەنچىنى چۈشىنىشىڭىزنى سورايمىز، شۇڭا ھەر بىر تەپسىلاتنىڭ سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ماس كېلىشىنى كاپالەتلەندۈرمەيمىز، شۇنداقلا نامەلۇم خاتالىقلار ۋە كەمچىلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. سىز چۈشۈرگەن مەنبە ۋە پروگرامما مەنبە كودى ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ كۆچۈرۈلمە نۇسخا، شۇڭا ھېچقانداق سەۋەب بىلەن قايتۇرۇش ۋە پۇلغا ئالماشتۇرۇش قوللىنىلمайды. تور بېكىتىمىزنىڭ باياناتى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەرتلىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقىپلا تولۇقلاپ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
  • خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەي تەنتەربىيە كېڭىشى بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، يېڭى يىللىق دۇنياۋى مۇكاپات تەسىس قىلىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنى تەقدىرلەيدىكەن. تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 2026-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئالتۇن توپتىنمۇ قىقاسمۇ؟ توپچىلارنى باھالايدىغان يېڭى مۇكاپات چىقتى-لوفىېر تورى

دۇبەي شاھزادىسى، دۇبەي مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ گۇۋاھلىقىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو بىلەن دۇبەي تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بىرلىكتە، دۇبەي بىر تۈرلۈك يېڭى يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

بۇ پائالىيەت 2026-يىلى رەسمىي باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق بىردىنبىر ئورگان تەرەپ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ، بۇ تۈرلۈك تەنھەرىكەتتىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا ۋە تۈرلۈك نەتىجىلەرنى باھالايدۇ.

بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا تەنتەربىيە باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن دۇبەي تەنتەربىيە ئىدارىسى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، يېڭى ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پۇتبول ئۈچۈن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن دۇبەيدىن ئىبارەت بۇ شەھەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بۇ دۇنياۋى مۇسابىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ دۇنيا پۇتبول مۇكاپاتى پەقەت بىر مەيدان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بولۇپلا قالماي، يەنە بىز يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بىلەن پۇتبولنى مەدھىيەلەيدىغان، يىللىق مەيدان ئىچى-سىرتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنى تەقدىرلەيدىغان سۇپا.»

دۇبەي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دۇبەي تەنتەربىيە ئىدارىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئىزچىل زىچ ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رەئىس ئىنفانتىنو دۇبەيدە نۇرغۇن تۈرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ دۇنيا پۇتبول ساھەسىنىڭ ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بىز بۇ يېڭى كېلىشىمنى ئېلان قىلغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال، ئۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، دۇبەينىڭ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى نامايان قىلدى. ئىجادىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارنى تەقدىرلەش، چوڭ مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇبەي يەر شارى پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، يەر شارى بويىچە مەستانىلىرى ئەڭ كەڭ بولغان بۇ بىرىنچى تەنھەرىكەتكە پارلاق كەلگۈسى يارىتىپ بەردى. دۇبەي دۇنيا تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى، بولۇپمۇ پۇتبول ساھەسىدە، بىز بارلىق زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلاپ، بۇ بۇرچنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.»

مۇكاپات تەسىس قىلىش، نامزات كۆرسىتىش ۋە باھالاش مېخانىزمى، پائالىيەتنىڭ كونكرېت ۋاقتى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار كېيىنكى ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ.

 

ئالتۇن توپتىنمۇ قىقاسمۇ؟ توپچىلارنى باھالايدىغان يېڭى مۇكاپات چىقتى-لوفىېر تورى

 

ئەسكەرتىش:بۇ ماقالى ئەڭ ئاخىرى 2025-12-31 19:58:55 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ
لوففېر بىلوگى

زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى

ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …

ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش يېڭىلاش خاتىرىسى
© نەشىر ھوقوقى
© 会员中心
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
يۈرەك15قولاش بەھىرلىنىش
ئىنكاش سافانى تالاشماق

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ

    ھازىرچا ئىنكاس يوق