
خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
别人家的东西永远是最好的,哪怕是一样的?
باشقىلارنىڭ نەرسىسى مەڭگۈ ئەڭ ياخشى، ئوخشاش نەرسە بولسىمۇ شۇنداق
ღ ღ ღ
我跟老师一起上门诊的时候,经常会碰到这样的病人:
ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىرلىكتە ئامبۇلاتورىيەگە چىقىپ كېسەل كۆرگىنىمدە، ھەمىشە تۆۋەندىكىدەك بىمارلارنى ئۇچرىتىپ قالاتتىم:
他们总是看不到自己身上的优点或者是觉得自己不够幸福,把注意力集中到别人身上,拿自己的生活跟别人的比较。结果,滋生一些不好的念头,影响了自己的生活和情绪。
ئۇلار ھە دېگەندە ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئارتۇقچىلىقنى كۆرەلمەي ياكى ئۆزىنى يېتەرلىك دەرىجىدە بەختلىك ھېس قىلالماي، دىققىتىنى باشقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈۋېلىپ، ئۆز تۇرمۇشىنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇراتتى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا بىرمۇنچە ناچار ئوي-خىياللار كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزەتتى.
有一次,老师给一位女患者看病。坐在女患者身旁的丈夫会时不时伸出手来握住妻子的手,然后说很多话鼓励并且安慰妻子。他还会主动给我们讲一些有关他们的生活史,说到动容之处,他就会转过脸对着妻子笑,好像很开心的样子。
بىر قېتىم ئوقۇتقۇچۇم بىر ئايال بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆردى. بۇ جەرياندا، ئايال بىمارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يولدىشى پات-پاتلا ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويۇپ، ئۇنىڭغا مەدەت بولىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى ھەمدە تەسەللىي بەردى. ئۇ يەنە بىزگە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ، تەسىرلىكرەك يېرىگە كەلگەندە ناھايىتى خۇشال ھالدا ئايالىغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
但是这位女患者并没有理会她的丈夫,而是不停地向老师抱怨他的不是。她说,他和别人比起来还不够勤劳优秀,过于唠叨,凡事对她管的太多又让她觉得烦。
بىراق، بۇ ئايال بىمار يولدىشىغا پەرۋا قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقۇچۇمغا توختىماي ئۇنىڭ سەۋەنلىكلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. ئۇ: «يولدىشىم باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنچە تىرىشچان ۋە مۇنەۋۋەر ئەمەس، تولا كوتۇلدايدۇ، مېنى زىيادە باشقۇرۇۋېلىپ ئىچىمنى پۇشۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.
这时,在诊室里等待看病的另一位女患者却突然腾出一只手拍打了一下站在一旁的丈夫,说:“你到底是来陪我看病的,还是来玩手机的?你看看别人家的老公有多好!”
بۇ چاغدا، دىياگنوزخانىدا كېسەل كۆرسىتىشنى ساقلاۋاتقان يەنە بىر ئايال بىمار بىر چەتتە تۇرغان يولدىشىنى بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ: «سىز ماڭا كېسەل كۆرسىتىشىپ بەرگىلى كەلدىڭىزمۇ ياكى يانفون ئوينىغىلىمۇ؟ خەقنىڭ يولدىشىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراڭە!» دېدى.
话毕,又立马把头扭到一边,对她的丈夫不理不睬。而她的丈夫却一边安慰她,又一边向我们道歉,好像是自己做错了事,打扰到我们给患者看病。
ئۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا بېشىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ، يولدىشىغا پەرۋا قىلماي تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ يولدىشى بولسا بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سەۋەنلىك سادىر قىلىپ، كېسەل كۆرۈشىمىزگە دەخلى قىلىپ قويغاندەك بىزدىن كەچۈرۈم سورىدى.
师姐递给我一张纸条,上面写着一行字:别人家的老公永远是最好的,哪怕老公是一样的!
بۇ چاغدا، يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئاچاش ماڭا مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان باغاقچىدىن بىرنى سۇندى: باشقىلارنىڭ يولدىشى مەڭگۈ ياخشى، ھەممىسى ئوخشاش ئەر كىشى بولسىمۇ شۇنداق!
我看后觉得挺有道理的。
بۇ سۆزلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن بەكلا ئورۇنلۇقتەك ھېس قىلدىم.
有很多患者总认为别人的病情比自己的乐观;总认为别人家的老公比自己的体贴;总认为别人家的孩子比自己的聪明;总认为别人所处的位置,所拥有的东西才代表真正的人生,却很少花时间和精力表扬或肯定自己和最亲的人。
نۇرغۇن بىمار ھەمىشە باشقىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۆزىنىڭكىدىن ياخشىدەك ئويلىۋالىدۇ؛ باشقىلارنىڭ يولدىشى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ يولدىشىدىن كۆيۈمچاندەك ئويلايدۇ؛ باشقىلارنىڭ بالىسى ئۆزىنىڭ بالىسىدىن ئەقىللىقتەك ئويلايدۇ؛ باشقىلار تۇرغان ئورۇن ۋە ئىگە بولغان نەرسىلەر مەڭگۈ ھەقىقىي ھاياتلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قاراپ، ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى ماختاش ياكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى ئاز ۋاقىت ئاجرىتىدۇ.
有时候,我们总觉得别人家的东西永远是最好的,哪怕是一样的。
بەزىدە، بىز باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى مەڭگۈ ئەڭ ياخشى بولىدىغاندەك ھېس قىلىۋالىمىز، ئوخشاش نەرسە بولسىمۇ شۇنداق.
某天,我的朋友东子和女友一起吃午餐。东子选了拌面,女友想吃泡面,她说拌面不好吃。
بىر كۈنى دوستۇم دۇڭزى لايىقى بىلەن بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولۇپ، ئۆزى لەغمەننى تاللايدۇ، لايىقى بولسا لەغمەننى يېيىشلىك ئەمەس دەپ تەييار چۆپ ئىچمەكچى بولىدۇ.
因为东子平时吃饭比较快,所以没多久拌面就快被他吃完了。女友看到后就忍不住问他:“你的拌面很好吃吗?”东子点点头。然后女友立马从东子手里抢过拌面,把自己的泡面推给东子吃。
دۇڭزى ئادەتتە تاماقنى تېز يەيدىغان بولغاچقا، لەغمەننى ناھايىتى تېزلا يەپ بولاي دەپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، لايىقى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭدىن: «لەغمىنىڭىز بەك ئوخشاپتىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. دۇڭزى بېشىنى لىڭشىتىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز دەرھال دۇڭزىنىڭ قولىدىكى لەغمەننى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تەييار چۆپىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويىدۇ.
东子同样吃得酣畅淋漓,正要把剩下的汤喝掉时,女友又抢过他的碗,说:“拌面一点儿也不好吃,还是让我吃泡面吧!”
دۇڭزى تەييار چۆپنىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ ئىچىپ، سۈيىنىمۇ تۈگىتىۋەتمەكچى بولغاندا، لايىقى ئۇنىڭ قاچىسىنى يەنە تارتىۋېلىپ: «لەغمەن ئازراقمۇ يېيىشلىك ئەمەسكەن، يەنىلا تەييار چۆپ ئىچەي!» دەيدۇ.
东子笑着摇摇头,感叹道:“别人家的饭菜总是比自己的好吃,哪怕吃一样的饭菜!”
بۇنى ئاڭلىغان دۇڭزى كۈلگىنىچە بېشىنى چايقاپ قويۇپ: «باشقىلارنىڭ تامىقى ھامان ئۆزىمىزنىڭكىدىن تەملىك بولىدۇ، ئوخشاش تاماق بولسىمۇ شۇنداق!» دەپ خۇرسىنىدۇ.
有时候,我们不免会羡慕别人家的饭菜比自己家的好吃、别人家的生活过得比自己的好。但当我们知道别人也会看着自己家桌子上的饭菜忍不住流口水,想留在你家里吃饭时,也许我们就不会那么羡慕别人了。
بەزىدە، بىز باشقىلارنىڭ تامىقىنىڭ ئۆزىمىزنىڭكىدىن تەملىك ئىكەنلىكىگە، باشقىلارنىڭ بىزدىن ياخشى ياشاۋاتقانلىقىغا ھەۋەس قىلىشتىن ساقلىنالمايمىز. بىراق، باشقىلارنىڭمۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزدىكى تاماقلارغا ئىختىيارسىز ھالدا شۆلگىيىنى ئېقىتقانلىقىنى، بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ تامىقىنى يەپ باققۇسى بارلىقىنى بىلگىنىمىزدە، ئۇلارغا ئۇنچە ھەۋەس قىلماسلىقمىز مۇمكىن.
ღ ღ ღ
一位家长给两个孩子出了同一道数学题目,规定他们在十分钟之内给出答案。结果邻居家的孩子用了五分钟时间答对这道题,而自己的孩子用了八分钟。这位家长很生气,便出手打了自己的孩子。邻居知道后便赶来问她:“你干嘛要打孩子呢?”
بىر ئايال ئىككى بالىغا ئوخشاش ماتېماتىكىلىق مەسىلىدىن بىرنى يېزىپ بېرىپ، ئۇلاردىن ئون مىنۇتنىڭ ئىچىدە جاۋابىنى تېپىپ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، قوشنا ئۆيدىكى بالا بۇ مەسىلنىڭ توغرا جاۋابىنى تېپىشقا ئارانلا بەش مىنۇت سەرپ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ بالىسى بولسا مەسىلىنى سەككىز مىنۇتتا ئاندىن ئىشلەپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئايالنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۇرىدۇ. قوشنىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ: «بالىڭىزنى نېمىشقا ئۇرىسىز؟» دەپ سورايدۇ.
她说:“儿子太笨了!
بۇ ئايال:«ئوغلۇم بەك دۆتكەن!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
邻居从两位孩子手上分别拿过试卷,看了看,然后告诉她:“你的儿子并不笨啊,这道题他也做对了!”
قوشنىسى ئىككى بالىنىڭ قولىدىن مەسىلە ئىشلىگەن قەغەزنى ئېلىپ بىر كۆرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «ئوغلىڭىزمۇ دۆت ئەمەسكەن، بۇ مەسىلىنى ئۇمۇ توغرا ئىشلەپتۇ!» دەيدۇ.
ئۇ: «بىراق، ئۇ ئاستا ئىشلىدى!» دەيدۇ.
قوشنىسى سوئال قەغەزلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈۋەتكەندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىراق، سىزنىڭ ئوغلىڭىز خەتنى مېنىڭ ئوغلۇمدىن چىرايلىق يېزىپتۇغۇ!» دەيدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايالنىڭ يۈزلىرى بىردەمدىلا قىزىرىپ كېتىدۇ.
باشقىلارنىڭ بالىسىنىڭ ئەقىللىق بولۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى تاماقنىڭ تەملىك بولۇشىنى، باشقىلارنىڭ يولدىشىنىڭ مېھرىبان بولۇشىنى، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق بولۇشىنى ئادەمدىكى ئاسانلىقچە قانائەتلەنمەسلىك پىسخىكىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىشىلەر ھەمىشە ئۆزى يېيەلمىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەن نەرسىنى ئەڭ ياخشى دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ قاچىسىدا تاماق تۇرسا قازانغا قارايدۇ، ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىنىڭ ناچار ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنى قارىغۇلاچە سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
باشقىلارنىڭ بەزى نەرسىلىرى ھەۋىسىڭىزنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بىراق، سىز ئۇ نەرسىلەرگە ھەقىقىي ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
كىشىلەر ئۆزى ياخشى دەپ ئويلىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا مەجبۇرلاپ تېڭىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنىڭ باشقىلار ئەڭ بىزار بولۇۋاتقان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
ئادەم ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىك ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، باشقىلارغا ھەۋەس قىلمىغان، ھازىرقى ھالىتىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندىلا، ئوخشىمىغان ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇قاراش نۇقتىڭىز يېتەلەيدىغان يۈكسەكلىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
◇ چوڭ ئىش قىلالايدىغانلاردا بولىدىغان تۆت ئالاھىدىلىك
◇ ھاياتلىقنى ئۇنچە ئېچىنىشلىقتەك ئويلىۋالماڭ
◇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىنمۇ مۇھىم بولغىنى نېمە؟
◇ ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىش، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئاجىزلىقتۇر
◇ بىر قىزىقىشى بولۇش جورىسى بولۇشتىنمۇ مۇھىم
◇ كىم سىزنى ۋاز كەچتۈرگەن بولسا، سىز شۇنى مەغلۇب قىلىڭ
◇ ھاياتتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۈچ خىل پەزىلەت
◇ ياخشى ئادەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئەمما، «تىكىنىڭىز»مۇ بولۇشى كېرەك
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 人民网维吾尔文版
2026-01-03 23:48:02 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1本网站内容仅供个人学习、研究和欣赏,未经授权禁止用于任何商业用途。
- 2网站中的代码示例仅用于教育目的,使用时请遵循相关开源协议和授权规定。
- 3转载或引用本站内容请注明出处,尊重原创,共同维护良好的创作环境。
- 4网站评论区欢迎理性讨论,请勿发表违反法律法规的言论,共建和谐社区。
- 5如有内容侵犯您的权益,请通过博客联系方式告知,将立即核实并处理。
- 6使用本站资源时产生的任何问题与后果需自行承担,请谨慎操作。























ھازىرچا ئىنكاس يوق