تەپسىلاتى
ئىنكاس
مەسىلىلەر

براز رونالدونى ھاقارەتلىگەن بولىشى مۇمكىن

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىش يۈز بەردى.          

بېيجىڭ ۋاقتى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى سەھەردە، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 13 – ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، رىياد غەلبىسى پۇتبول كۇلۇبى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 2 دە 3 نەتىجە بىلەن جىددە خەلق پۇتبول كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

براز رونالدونى ھاقارەتلىگەن بولىشى مۇمكىن-لوفىېر تورى


مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رىياد غەلبىسى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ توپچىسى رونالدو بىلەن روئان فېلىكس توپ مەيدانىدىن ئايرىلغاندا، جىددە خەلق پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى براز بۇ ئىككى توپچى تەرەپكە قاراپ بىر ئېغىز گەپ قىلغان، ئارقىدىن ئۆز كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بىلەن بىرلىكتە غەلبىنى تەبرىكلىگەن. 
 رونالدو بىلەن روئان فېلىكس دەرھال بۇرۇلۇپ براز بىلەن مۇنازىرىلەشتى. رونالدو ناھايىتى تېزلا ئايرىلدى، روئان فېلىكس داۋاملىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە قول ئىشارىتىنى  رونالدوغا قاراتتى. بەزى قاراشتىكىلەر:بىراز تەبرىكلىگەندە يەنە بىر توپچى مېسسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، دەپ قارىدى.          
شۇنىڭدىن كېيىن، براز بىلەن روئان فېلىكس داۋاملىق تالاش – تارتىش قىلغان، نەق مەيداندىكى باشقا خادىملار ئالدىغا بېرىپ ئىككى تەرەپنى ئايرىۋەتكەن. كىرىستىيانو رونالدو خاپا بولۇپ، ئۇدۇللا توپ مەيدانىدىن ئايرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە جىددە ئابدۇللا پادىشاھ تەنتەربىيە شەھەرچىسى توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ مەيدان يېڭىلىش رىياد غەلبىسى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىدىكى 10 مەيدان ئۇدا يېڭىشىگە خاتىمە بەردى. كىرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلمىدى.          
مۇسابىقىدىن كېيىن، جىددە خەلق پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى براز ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا روئان فېلىكس بىلەن بولغان توقۇنۇش توغرىسىدا كەچۈرۈم سوراش باياناتى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇنىڭ بىر قېتىملىق «سەۋەنلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە رىياد غەلبىسى پۇتبول كۇلۇبى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان پورتۇگالىيە توپچىلىرىغا باشتىن ئاخىر «چوڭقۇر ئېھتىرام» بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.          
براز باياناتىدا مۇنداق دەپ يازدى:«3:2 نەتىجە بىلەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ھازىرغا قەدەر ئىپادىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان رەقىبىمىزنى مەغلۇپ قىلدۇق، نەتىجە كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۈگۈن كەچ كوماندىمىزدىكى توپچىلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور، ئۇلار ئىتتىپاقلىق ۋە قەيسەرلىكنى نامايان قىلدى.          
ئۇ ئارقىدىنلا مۇنداق دەپ يازدى:«ئەڭ ئاخىرىدا، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى، مەن مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا رىياد غەلىبىسى پۇتبول كۇلۇبىدىكى بىر قانچە مۇنەۋۋەر پورتۇگالىيەلىك توپچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇقۇشماسلىق توغرىسىدا، ئۇلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.          

مەن ئىزچىل ئۇلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە قايىل بولىمەن. ئەينى ۋاقىتتا مۇسابىقە جەريانىدىكى ئەھۋال سەۋەبىدىن ھاياجانلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن  كوماندىمىزنىڭ ۋارىتاسى بىلەن بىللە تەبرىكلەشنىلا ئويلىغان،  بىخەستەلىك قىلغاچقا، بۇ كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىققان. بۇ ھەرگىزمۇ قەستەن چىشىغا تەگكەنلىك ئەمەس، پەقەت بىر قېتىملىق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىخەستەلىك. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەيمەن.ـ          
سىز تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ خادىملىرىدا يۈز بەرگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تالاش – تارتىش ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟

بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : Putbol一Dunyasi

ئەسكەرتىش:بۇ ماقالى ئەڭ ئاخىرى 2026-01-06 11:31:50 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ
لوففېر بىلوگى

زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى

ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …

ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش يېڭىلاش خاتىرىسى
© نەشىر ھوقوقى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
يۈرەك12قولاش بەھىرلىنىش
ئىنكاش سافانى تالاشماق

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ

    ھازىرچا ئىنكاس يوق