تاراتقۇلار يىللىق تەنتەربىيە ۋەقەلىرىنى باھالاپ چىقتى
يېقىندا «خەلق گېزىتى» تەنتەربىيە بۆلۈمى، «خەلق گېزىتى» باش مۇھەررىر ئىشخانىسى، «خەلق گېزىتىنىڭ» يېڭى تاراتقۇ مەركىزى خەلق تورى، يەر شارى ۋاقىت گېزىتى بىلەن بىرلىشىپ 2025 – يىللىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقارادىكى ئون چوڭ تەنتەربىيە خەۋىرىنى ئېلان قىلدى.
دۆلەت ئىچى تەنتەربىيە خەۋەرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.
9-نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
2.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 15 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 9 – نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقا – ئارقىدىن جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
3.مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيەدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.
4.،12 – نۆۋەتلىك دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو سىچۈئەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى قېتىم ئالتۇن مېدال ۋە مېدال سانىدا 1 – بولدى.
5، جۇڭگو گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەنتەربىيە ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلدى.
6، «سۇچاۋ» ۋەكىللىكىدىكى كۆپ تۈرلۈك يەرلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرى كەڭ دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى، باشقا شەھەر ۋە يېزا دەرىجىسىدىكى مۇسابىقىلەرمۇ نۇرغۇن رايونلاردا ئارقا ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى.
7.جۇڭگو خەلقئارا شاھمات تەنھەرىكەتچىسى جۈ ۋېنجۈن 5 – قېتىم خەلقئارا شاھمات ئاياللار دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
سەككىزىنچى، جۇڭگو جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى 33 – نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
9.ۋۇخەن ئاياللار پۇتبول كۇلۇبى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى ئاياللار چېمپىيونلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
10.جۇڭگو دۆلەت پەي توپ كوماندىسى ئۇدا 4 – قېتىم دۇنيا پەي توپ بىرلەشمىسى سۇتمان لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
خەلقئارا تەنتەربىيە خەۋەرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى، توماس باخ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلاندى.
ئىككىنچى، ب د ت يىغىنىدا 2026 – يىللىق مىلان – كوردىنادانپېزو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.
3.2028-يىللىق لوس ئانژېلېس يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى بېكىتىلدى.
تۆتىنچى،2026 – يىلى ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ چەك تارتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
بەشىنچى، كۆپ تۈرلۈك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىلىرىدە يېڭى دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى.
6.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنىنى «خەلقئارا تەيجى گۇمپىسى كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.
7.2025 – يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسى ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
سەككىزىنچى، ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى پورتلاند يول ئاچقۇچى كوماندىسى ماھىر تاللاش جەريانىدا جۇڭگو ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى ياڭ خەنسېننى تاللىدى.
توققۇزىنچى، دۇنيا تىكتاك توپ كەسپىي ئىتتىپاقى كۆپ تۈرلۈك مۇسابىقە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.
10.فىرانسىيەلىك پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ئوسمان دېمبېلې بىلەن ئىسپانىيەلىك پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ئەيتانا باڭ مارتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2025 – يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئەرلەر پۇتبول مۇكاپاتى ۋە ئاياللار پۇتبول مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
يۇقىرىقى تەنتەربىيە ۋەقەلىرىدە سىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز قايسى؟
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : Putbol一Dunyasi
2025-12-31 10:04:09 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。




















- ئەڭ يىڭى
- ئەڭ قىزىق
ھەممىنى كۈرۈش