ئابدۇخەمىت ئابدۇغېنى بېيجىڭ گوئەن پۇتبول كۇلۇبىغا رەسمىي قوشۇلدى، ئۇ 24-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ، بېيجىڭ گوئەنگە ۋاكالىتەن بۇ پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.ئابدۇخەمىت 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 183 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 78 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مۇداپىئەچى.2017-يىلى ئابدۇخەمىت شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزىغا قوشۇلۇپ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان. 2018-يىلى ئۇ جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ھەمدە 2020-يىلى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن، كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساڭجۇ شيوڭشى كوماندىسى، چېڭدۇ روڭچېڭ ۋە چاڭچۈن ياتەي كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن.ئابدۇخەمىت كۆپ قېتىم دۆلەت ئۆسمۈرلەر كوماندىسى، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە كوماندا كاپىتانى بولغان. 2018-يىلى 3-ئايدا ئۇ U23 ئەرلەر دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، 2018-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى كوللېكتىپ مەشىق كوماندىسىنىڭ مەشىق تىزىملىكىگە تاللانغان. 2019-يىلى 8-ئايدا ئابدۇخەمىت جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان دۆلەت كوماندىسىنىڭ 35 كىشىلىك مەشىق تىزىملىكىگە تاللاندى.ئابدۇخەمىتنىڭ بەدەن ساپاسى ناھايىتى ياخشى، قاۋۇل، قارشىلىشىشتىن قورقمايدۇ. ئۇنىڭ مۇداپىئە ئېڭى ياخشى، ھەرىكىتى كەسكىن، مۇسابىقە ئىستىلى قەيسەر بولۇپ، ھەر بىر توپنى چوقۇم جان تىكىپ تالىشىدۇ. مەيداندا ئۇنىڭ باشتىن-ئاخىر كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغان روھى ۋە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان جاسارىتى ھەمىشە پۈتۈن كوماندىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : Putbol丶Mastanisi
2026-02-03 10:02:12 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。


















ھازىرچا ئىنكاس يوق