
شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ليۇ ۋېي شەخسىي سالامەتلىك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىگە قايتتى . بۇ مەزگىلدە كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىگە باش تېرىنىرلىق قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە ياردەمچى ترېنېر جياڭ جېڭشيۇ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. كەڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ توغرا چۈشەنگىنىگە ۋە قوللىغىنىغا رەھمەت.

دىمەك باش تېرىنىر لىيۇۋېي ئىشتىن چۈشتى ، كىيىنكى باش تېرىنىر كىم؟ ئىگىلىشىمچە، ليۇ ۋېي شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئايرىلغاندىن كىيىن . شىنجاڭ كوماندىسى ھازىر ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بېيكوڭ كوماندىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن چەتئەللىك تېرىنىر گولان بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىدۇ. گولان ئىلگىرى ئىزچىل جورجېۋىچنىڭ ترېنېرلار ئەترىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، جورجېۋىچ جۇڭگودىن ئايرىلغاندىن كېيىن، گولان ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بېيكوڭ كوماندىسىدا ياردەمچى ترېنېر بولغان، كېيىن بىر مەزگىل باش ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شىنجاڭ كوماندىسى گولەننىڭ ليۇ ۋېينىڭ ئورنىغا باش تېرنىر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەتە شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ ، بۇ مەيدان مۇسابىقە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كىيىنكى مېھمان مەيداندىكى گۇاڭشا كوماندىسى بىلەن بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە كورىيەلىك تېرىنىر جياڭ جېڭشيۇ يىتەكچىلىك قىلىدۇ ، ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 2 قېتىملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىڭى باش تېرىنىر كوماندىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن .

قېنى ئەتە مۇسابىقىنى كۆرۈپ باقايلى ، مۇسابىقە سائەت 7:35 دە باشلىنىدۇ .

ھازىرقى ئەھۋالدا باش تېرىنىرنى ئالماشتۇرۇش بىلەن كوماندا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ ، چۈنكى كوماندا ھازىر ئۆتكەن يىلى بىر ياز مەشىق قىلغانلىرىنى ئويناۋاتىدۇ ، لېكىن بۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 阿达西篮球
2026-01-04 15:19:02 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。



















ھازىرچا ئىنكاس يوق