
1-ئاينىڭ 2-كۈنى CBA دائىملىق مۇسابىقىسى داۋاملاشماقتا، شەندۇڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، ئىككى كوماندىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئويلىغاندەك بولمىدى، شىنجاڭ كوماندىسى ھازىر 3 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 5 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە 15-ئورۇندا تۇرماقتا، شەندۇڭ كوماندىسى 3 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 4 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ كەينىدىن سانىغاندا 2-ئورۇندا تۇرماقتا.

بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا، شىنجاڭ كوماندىسى پەسكويغا چۈشۈپ قېلىپ، بىر چارەك مۇسابىقىدە 9 نومۇر ئالدى، كىرىس بىلەن پوسېل ئارقا-ئارقىدىن نومۇر ئالدى، شەندۇڭ كوماندىسى بالدۇرلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، 1-چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، شەندۇڭ كوماندىسى 19 نومۇر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، 2-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئاستا-ئاستا ھۇجۇم تۇيغۇسىنى تاپتى، لېكىن شەندۇڭ كوماندىسى قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئۈستۈنلۈكنى 28 نومۇرغا يەتكۈزدى.

ئىككى تەرەپ يەنە بىر مەيدان كەسكىن تىركەشكەندىن كېيىن، ئىككى كوماندىنىڭ ھۇجۇمى توختاپ قالدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نومۇر قوغلىشىش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىشى تەسكە توختىدى، شەندۇڭ كوماندىسى ئىزچىل چوڭ نومۇر ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ كەلدى، 3 چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەندۇڭ كوماندىسى داۋاملىق 25 نومۇر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر قوغلىشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى، ئابدۇسالام ئارقا-ئارقىدىن جازا توپ ئېتىپ نۇمۇر ئالدى ، لېكىن شەندۇڭ كوماندىسى داۋاملىق ئوت كۈچى بىلەن رەقىبىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇردى، ئاخىرىدا شەندۇڭ كوماندىسى 100: 85 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى.

توپچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى :
شەندوڭ كوماندىسى: كىرىس 36 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 ياردەم توپ بەردى، 4 قېتىم توپ تارتىۋالدى، چېن لىنجيەن 17 نومۇر ئالدى، 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، پېرسېل 17 نومۇر ئالدى، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 ياردەم توپ بەردى، تاۋ خەنلىن 9 نومۇر ئالدى، 6 ياردەم توپ بەردى، پوۋېل 7 نومۇر ئالدى، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 ياردەم توپ بەردى، گاۋ شىيەن 5 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 6 ياردەم توپ بەردى، ليۇ يى 5 نومۇر ئالدى ۋە 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى، شيې جىجيې 4 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 ياردەم توپ بەردى، گو كەي 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 ياردەم توپ بەردى، يۈ دېخاۋ 1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، چېن پېيدوڭ 1 ياردەم توپ بەردى

شىنجاڭ كوماندىسى: ئابدۇسالام 20 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 2 قېتىم پاس چىقاردى، چى لىن 13 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 2 قېتىم پاس چىقاردى، لاۋسون 11 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 6 قېتىم پاس چىقاردى، ناتۇر 10 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم پاس چىقاردى، خاررىس 10 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم پاس چىقاردى، ئېلفۇرات 7 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 2 قېتىم پاس چىقاردى، ۋۇ گۇەنشى 6 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 1 قېتىم پاس چىقاردى، فېڭ ئاۋ 5 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ياڭ رۈي 3 نومۇر ئالدى، گې خاۋرەن 1 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم پاس چىقاردى، لى يەنجې 1 قېتىم پاس چىقاردى
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 阿达西篮球
2026-01-02 21:53:06 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。




















ھازىرچا ئىنكاس يوق