توپچاق تەنتەربىيەسى: بىز سىزلەرنىڭ ئامراق دوستۇڭلار توپچاق. ياخشىمۇسىلەر، مەن سىلەرنىڭ ئامراق دوستۇڭلار توپچاق. بۈگۈن شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا فۇجيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. فۇجيەن كوماندىسى يېقىندا ئۇدا 2 مەيدان غەلىبە قىلغان. شىنجاڭ كوماندىسى بولسا ئالدىنقى مەيداندا شەندۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

بۈگۈنكى مۇسابىقە ناھايتى كەسكىن ئوينالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ فۇجىيەن كوماندىسىنىڭ قول سىزىمى ياخشى بولدى. بىراق ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى كونتىرولدا شىنجاڭ كوماندىسى ئەسلىگە قايتىپ ئۈچىنجى كونتىرول ئاخىرلاشقاندا 5 نۇمۇر ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى ۋە تۆتىنجى چارەكتىمۇ ئىزچىل ئالدىدا ماڭدى. بىراق مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا تىلەيىس نۇمۇر ئېلىپ نۇمۇر پەرقى 102-102 بولۇپ، مۇسابىقە قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتقا كىردى. قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتىمۇ فۇجىيەن كوماندىسى ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇپ، بىر مەھەل نۇمۇر ئۈستۈنلۈكتە تۇردى. ھالقىلىق ۋاقىتتا ئىلفۇرات ئۈچ نۇمۇر توپ چۈشۈردى، كاپىتان ئابدۇسالام ھالقىلىق ئىككى نۇمۇر ئېلىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 1 نۇمۇر ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا 111 : 108 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ مېھمان مەيداندا فۇجيەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۈگۈنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن چى لىن 26 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى. ناتۇر 18 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 8 قېتىم ياردەم پاس بەردى؛ ئابدۇسالام 18 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 6 قېتىم ياردەم پاس بەردى؛ لاۋسېن 17 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 6 قېتىم ياردەم پاس بەردى؛ ئېلفىرات 12 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. لى يەنجې 9 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم توپ قېقىۋەتتى. ھاررىس 7 نومۇر، ۋۇ گۇەنشى 4 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

فۇجىيەن كوماندىسىدىن تېرىس 41 نومۇر، بروزئانسكى 16 نومۇر، زېڭ لىڭشيەن 14 نومۇر، لى يىياڭ 11 نومۇر، ياڭ لىڭشى خاۋ 7 نومۇر، فېڭ مىڭجېن 6 نومۇر، بېرىسكو 6 نومۇر، زو ياڭ 4 نومۇر، ۋىليامس 2 نومۇر، ياڭ ئالى 1 نومۇر ئالدى.

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كىيىنكى رەقىبى گۇاڭجۇ كوماندىسى بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى مېھمان مەيداندا گۇاڭجۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى قېتىم ساھىپخان مەيداندا گۇاڭجۇ كوماندىسىنى يەڭگەن. بۇ قېتىم مېھمان مەيداندىمۇ گۇاڭجۇ كوماندىسىنى يىڭەلەمدۇ؟ بۇنىڭ قىززىڭقىسىز توپچاقنى قۇشۇۋېلىڭ. توپچاق تەنتەربىيەسى سىزگە كۈندە جاھاندىكى ئەڭ يېڭى تەنتەربىيە ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەپ بىرىدۇ.

بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : TopQak
2026-01-05 00:51:51 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。


















ھازىرچا ئىنكاس يوق