
«قىساسكارلار» يۈرۈشلۈكلىرى ئاللىقاچان ئۇل تاش خاراكتېرلىك روللارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كىنو ساھەسىدە نام چىقارغان، 2026-يىلى قويۇلىدىغان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى» تېخىمۇ بەكرەك مارۋېل كىنو كائىناتىنىڭ بىر نەچچە ئەۋلاد ھېكايىلىرىدىكى ھەشەمەتلىك ئارتىسلار قوشۇنىنى يىغىپ، بۇ كىلاسسىك IP نى پۈتۈنلەي يېڭى بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشماقتا. ئىلگىرىكى «قىساسكارلار» يۈرۈشلۈكلىرى ئادەتتە ئاز دېگەندە بىر يېڭى رولنى نۇقتىلىق تەسۋىرلەيتتى، لېكىن «ھالاكەت كۈنى» ئەكسىچە يول تۇتۇپ، دىققەت مەركىزىنى مارۋېل كىنو كائىناتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە قاراتتى.
بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى ئىسمى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: كاڭ خاندانلىقى» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەسلى پىلاندا جۆناتان مېيجېرس رولىنى ئالغان بويسۇندۇرغۇچى كاڭنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىق ھېكايىسى سۆزلەنمەكچى ئىدى. بۇ فىلىممۇ بىر مەيدان قىقاس رولچىلار جەم بولىدىغان كاتتا زىياپەت بولاتتى، لېكىن كۆلىمى جەھەتتىن ھازىرقى «ھالاكەت كۈنى» بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىدى. كېيىن، مارۋېل سەھنە ئارقىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن مېيجېرسنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىپ، رەقىب (ۋىللان) نى قايتىدىن تاللاش ۋە ھېكايە لىنىيەسىنى قايتا يېزىشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى سەلبىي رولنىڭ رولچىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا كەڭ كۆلەمدە ئالقىشقا ئېرىشتى، مۇناسىۋەتلىك ئارتىس تاللاش خەۋەرلىرى ھەتتا مارۋېل كۆپ قىرلىق كائىناتىدىكى نۇرغۇن تونۇش چىرايلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.
كىچىك روبېرت داۋنىي — دوكتور دۇم رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «پولات پالۋان» (2008-يىلى). كىچىك روبېرت داۋنىي رولىنى ئالغان تونىي ستارك قۇملۇقتا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كىلاسسىك كۆرۈنۈش. پارامونت كىنوچىلىقى (Paramount Pictures)
كىچىك روبېرت داۋنىينىڭ كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق سالاھىيىتى — مارۋېل كىنو كائىناتىنىڭ ئاساسچىسى «پولات پالۋان» تونىي ستارك. 2008-يىلىدىكى «پولات پالۋان» مارۋېل مەقسەتلىك تۈردە ئىشلىگەن تۇنجى كىنو بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ غايەت زور ھەم رىۋايەتلىك كىنو كائىناتىنىڭ ۋاقىت لىنىيەسى باشلانغان. 2019-يىلىدىكى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ئاخىرقى جەڭ»دە، پولات پالۋاننىڭ قۇربان بولۇشىنى بىر خىل «ئەپسۇسلىنارلىق» كۆرۈنۈش دېيىشكە بولىدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى كىنو مەستانىلىرىنى بۈگۈنگىچە ئۇنتۇلدۇرمىدى. 2024-يىلى 7-ئايدا، مارۋېل كىچىك روبېرت داۋنىينىڭ مارۋېل كىنو كائىناتىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئوينايدىغان رولى دوكتور دۇم (Doctor Doom).
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىرتقى دۇنيانىڭ ئىنكاسى تۈرلۈكچە بولدى: بەزىلەر بۇ مارۋېلنىڭ ئالتۇن دەۋرگە قايتىش ئۈچۈن قىلغان «بار-يوقىنى تىكىپ تەۋەككۈل قىلىشى» دەپ قارىسا، يەنە نۇرغۇن كىنو مەستانىلىرى داۋنىينىڭ دوكتور دۇم سالاھىيىتى بىلەن «ئاخىرقى جەڭ»دىكى كونا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوخشاش بىر كۆرۈنۈشتە پەيدا بولۇشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە. مارۋېل كائىناتىنىڭ ھېكايە لوگىكىسىدىن قارىغاندا، تونىي ستارك رولىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاسانلىقچە يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىدىغان دوكتور دۇمنى بەلكىم قاراڭغۇ كۆپ قىرلىق كائىناتتىكى تونىي ستاركنىڭ بىر ۋارىيانتى (variant) بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا، لېكىن بۇ قاراش ھازىرچە رەسمىي جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى ياكى ئىنكار قىلىنمىدى.
كىرىس ئېۋانىس — ستېۋ روجېرس رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «خىسلەتلىك تۆت پالۋان» (2005-يىلى)
2011-يىلىدىكى «ئامېرىكا كاپىتانى: تۇنجى قىساسكار»دا، كىرىس ئېۋانىس رولىنى ئالغان بۇ كىلاسسىك كومىكس رولى رەسمىي ھالدا مارۋېل كىنو كائىناتىغا قوشۇلغان. لېكىن مارۋېل كىنو كائىناتى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنلا، ئۇ ئىككى قىسىم «خىسلەتلىك تۆت پالۋان»دە «ئوت ئادەم» جوني ستورم رولىنى ئوينىغان. ئۆلۈپ كەتكەن پولات پالۋانغا ئوخشىمايدىغىنى، ستېۋ «ئاخىرقى جەڭ»نىڭ ئاخىرىدا قېرىغان قىياپەتتە كۆرۈنگەن، ئۇ چاغدا ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ھېكايە لىنىيەسى ئاخىرلاشتى دەپ ئويلىغان ئىدى تاكى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە. «ھالاكەت كۈنى» ئېلان قىلغان بىر پارچە ئالدىن كۆرۈش فىلىمى ستېۋنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل كىنو مەستانىلىرى چەمبىرىكىنى ھەيران قالدۇردى.
2024-يىلىدىكى «سۆزچاق (ئۆلۈك نەۋكەر) ۋە پولات بۆرە»دە، ئېۋانىس يەنە قىسقا ۋاقىتلىق قايتىپ كېلىپ «ئوت ئادەم» رولىنى ئوينىغان، لېكىن بۇ رول فىلىمدە بەختسىزلىك بىلەن قازا قىلغان. (بۇنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنىمۇ لېنتا گۇرۇپپىمىز ئۇيغۇرچە خەتلىك ئىشلەپ بولغان، كۆرمەكچى بولغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋېلىپ كۆسەڭلار بولىدۇ، فىلىم 4كى ھالەتتە تەييارلانغان).
قوشۇمچە:
«سۆزچاق» دېگەن بۇ سۆنى مەن ئۆزۈم ياسىغان سۆز، خەتلىك قىلغان چاغدا مۇشۇ ئىسىم بىلەن كىرىشتۈرۈپ تارقاتقان.
بۇنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ئۇنىڭ خاراكتېرىگە (يەنى بەك كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىغا) قاراپ، «سۆز» ۋە «چاق» (ياكى «چاققاق») دېگەن سۆزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى بىر سۆز ياسىغان، يەنە بىر ئىسىم بار ئىدى، «ئەجەلۋاز» بۇنىمۇ ئويلاشقان لېكىن بۇنى ئىشلەتمىدىم.
بۇ قېتىمقى قايتىپ كېلىشىدە، ئۇ چوڭ ئېھتىماللىق بىلەن «ئاخىرقى جەڭ» ئاخىرلاشقاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پېگگى كارتېر (خايلېي ئاتۋېل رولىدا) بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتكەن ھېكايە پارچىلىرىنى نامايەن قىلىدۇ. ھازىرقى ئارتىسلار تىزىملىكىدە، ئېۋانىسنىڭ رولى «ئامېرىكا كاپىتانى» ئەمەس، بەلكى «ستېۋ روجېرس» دەپ بەلگە قويۇلغان — چۈنكى بۇ نام ئاللىقاچان ئانتونىي ماككىي رولىنى ئالغان سام ۋىلسونغا مىراس قالدۇرۇلغان. شۇڭا، ستېۋنىڭ «ئامېرىكا كاپىتانى» نامىنى قايتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، لېكىن پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەسمۇ ئەمەس. تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش شۇكى، ئۇ ئادەتتىكى ئادەم سالاھىيىتى بىلەن جەڭ مەيدانىغا قايتىپ كېلىدۇ، پەقەت بۇ قېتىم ئۇنىڭ «دادا» لىق يېڭى سالاھىيتىدە چىقىدۇ.
كىرىس خېمسۋورت — چاقماق ئىلاھى سور رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «سور» (2011-يىلى). كىرىس خېمسۋورتنىڭ «سور 4: مۇھەببەت ۋە گۈلدۈرماما»دىكى قىياپىتى
قايتىپ كەلگەن بىر تۈركۈم ئارتىسلار ئىچىدە، خېمسۋورتنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئەڭ تەبىئىي بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پەيدا بولۇشى 2022-يىلىدىكى «سور 4: مۇھەببەت ۋە گۈلدۈرماما» بولۇپ، باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ «ھالاكەت كۈنى»دىكى رولىنىڭ ھېكايە لىنىيەسى مۇقىم داۋاملاشقان دېيىشكە بولىدۇ. خېمسۋورت مارۋېل كىنو كائىناتىدا ھەرگىزمۇ باشقا رول ئويناپ باقمىغان، ئۇ ياراتقان سورنىڭ ئوبرازى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. بۇ قېتىم «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»گە قايتىپ كېلىشى بىلەن، بۇ رولنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىمۇ داۋاملىق قانات يايىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «سور 4»نىڭ ئاخىرىدا، سور «لوۋ» (Love) نى بېقىۋالغان (بۇ رولنى خېمسۋورتنىڭ ئۆز قىزى ئىندىيە روز خېمسۋورت ئوينىغان) شۇنداقلا دادا بولۇپ دەرىجىسى ئۆسكەن، بۇ قېتىم لوۋمۇ سورغا ئەگىشىپ «ھالاكەت» تە پەيدا بولىدۇ.
ئانتونىي ماككىي — سام ۋىلسون / ئامېرىكا كاپىتانى رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «ئامېرىكا كاپىتانى 2: زىمىستان جەڭچى» (2014-يىلى). ئانتونىي ماككىينىڭ «ئامېرىكا كاپىتانى 4: چەكسىز يېڭى دۇنيا»دىكى سام ۋىلسون قىياپىتى
سامنىڭ دەسلەپكى سالاھىيىتى «بۈركۈت» (Falcon) ئىدى، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ئاخىرقى جەڭ»دە ستېۋنىڭ قالقىنىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە 2021-يىلىدىكى دىسنىي+ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بۈركۈت ۋە زىمىستان جەڭچى»دە رەسمىي ھالدا «ئامېرىكا كاپىتانى» نىڭ نامىغا ۋارىسلىق قىلغان. 2025-يىلىدىكى «ئامېرىكا كاپىتانى 4: چەكسىز يېڭى دۇنيا»دا، ئۇ يەنە بىر قېتىم بۇ رولنى ئالغان بولۇپ، مارۋېل كىنو كائىناتىغا قايتىپ كەلگەن «يېڭى چىرايلار»نىڭ بىرى دەپ ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر ستېۋنىڭمۇ «ھالاكەت كۈنى»گە قايتىپ كېلىدىغانلىقى جەزملەشتى، كىنو مەستانىلىرىنىڭ شۇنداق پەرەز قىلىشى تەبىئىي: كىرىس ئېۋانىس رولىنى ئالغان ستېۋ سامنىڭ قولىدىن قالقاننى ۋە «ئامېرىكا كاپىتانى» نامىنى قايتۇرۇۋالارمۇ؟ لېكىن مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ماككىي رولىنى ئالغان سامغا نىسبەتەن بەكلا ئادالەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تېخىمۇ چوڭ ئېھتىماللىق شۇكى، سام بىردىنبىر «ئامېرىكا كاپىتانى» سۈپىتىدە پۈتكۈل فىلىمگە سىڭىپ كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «چەكسىز يېڭى دۇنيا»دا «بۈركۈت» رولىنى ئۆتكۈزۈۋالغان داننىي رامىرېز رولىنى ئالغان خۇاكىن توررېسمۇ «ھالاكەت كۈنى»دە كۆرۈنىدۇ.
سېباستىيان ستان — باكى بارنېس / زىمىستان جەڭچى رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «ئامېرىكا كاپىتانى: تۇنجى قىساسكار» (2011-يىلى). سېباستىيان ستاننىڭ «ئامېرىكا كاپىتانى 2: زىمىستان جەڭچى»دىكى زىمىستان جەڭچى قىياپىتى
مارۋېل كىنو كائىناتىدا، باكىنىڭ سالاھىيىتى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەردى، ئۇ رەقىبلىكتىن قەھرىمانلىققا قەدەر ئاقلاندى، بۇ قېتىم «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»دە، ئۇ ئەلۋەتتە قەھرىمانلار تەرەپتە تۇرۇپ جەڭگە قاتنىشىدۇ. «چەكسىز يېڭى دۇنيا»دىكى قىسقا ۋاقىتلىق مېھمان رولىدىن باشقا، سېباستىيان ستان يەنە 2025-يىلىدىكى «چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى» (Thunderbolts)دا مۇھىم رول ئالغان، بۇمۇ ئۇنىڭ «ئاخىرقى جەڭ»نىڭ داۋامىدىكى قايتىپ كېلىشىنى سەل جەلپ قىلىش كۈچىدىن قالدۇردى. لېكىن ئۇنىڭ ستېۋ بىلەن قايتا كۆرۈشۈشى، جەزمەن بىر مەيدان كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈش بولىدۇ. پەقەت باشقا قايتىپ كەلگەن روللارغا سېلىشتۇرغاندا، باكى «ئاخىرقى جەڭ»دىن كېيىن ئاللىقاچان بىر تالاي مۇستەقىل كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە بولغان، شۇڭا ئۇنىڭ «ھالاكەت كۈنى»دە ئىگىلىگەن نىسبىتى بەلكىم ئۇنچە يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن.
توم خىدلېستون — لوكى رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «سور» (2011-يىلى). «سور 3: ئىلاھلار شەپىقى»دە كىشىلەر ئارىسىغا ئارىلىشىپ قالغان لوكى
2018-يىلىدىكى «قىساسكارلارئىتتىپاقى 3: چەكسىز ئۇرۇش»نىڭ باشلىنىشىدا، ئەسلىدىكى لوكى ئۆلگەن ئىدى. لېكىن «ئاخىرقى جەڭ»دىكى قەھرىمانلارنىڭ ۋاقىت-بوشلۇقتىن كېسىپ ئۆتۈشى تاسادىپىي ھالدا خىدلېستون رولىنى ئالغان بۇ رەقىب ۋارىيانتىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىككى بۈلۈم دىسنىي+ قوشۇمچە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «لوكى»غا باش رولچى بولۇپ، تىياتىردا ئۆزگىچە بىر «قاماق» ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ فىلىمدە لوكىنىڭ قۇتۇلۇش يولى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ئەگرى-توقاي بولدى، ئاخىرىدا ئۇ «ھېكايە ئىلاھى»غا ئايلىنىپ، ئۆز كۈچى بىلەن كۆپ قىرلىق كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، مۇكەممەل بىر ئاخىرلىشىشنى كۈتۈۋالدى. مۇشۇنداق بولغاندا، «ھالاكەت كۈنى» لوكىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولسا، «لوكى»نىڭ ئىككىنچى بۈلۈمىدىكى ئاخىرلىشىش تەڭشىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىغا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن خوشخەۋەر شۇكى، «ھالاكەت كۈنى»نىڭ ئۆزى بىر كۆپ قىرلىق كائىنات تېمىسىدىكى كىنو بولغاچقا، لوكىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە مۇۋاپىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
پول رۇد — سىكوت لاڭ / چۈمۈلە ئادەم رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «چۈمۈلە ئادەم» (2015-يىلى). پول رۇدنىڭ «چۈمۈلە ئادەم ۋە ھەرە قىز: كۋانت مالىمانچىلىقى»دىكى چۈمۈلە ئادەم قىياپىتى
گەرچە پول رۇد باش رول ئالغان «چۈمۈلە ئادەم» يۈرۈشلۈك كىنولىرىنىڭ ئىنكاسى تۈرلۈكچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رولىنى ئالغان سىكوت لاڭ ئۆزىگە خاس جەلپكارلىقى بىلەن يەنىلا كىنو مەستانىلىرى قەلبىدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن رولدۇر. 2023-يىلىدىكى «چۈمۈلە ئادەم ۋە ھەرە قىز: كۋانت مالىمانچىلىقى»نىڭ ئوبرازى سەل تۆۋەنلەپ كەتتى، لېكىن فىلىمدىكى جۆناتان مېيجېرسنىڭ نۇرغۇن كۆرۈنۈشلىرى ئەسلىدە «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: كاڭ خاندانلىقى» ئۈچۈن قويۇلغان بىر ئاساس ئىدى، پەقەت كېيىن مارۋېل كىنو كائىناتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ كەتتى. گەرچە «چۈمۈلە ئادەم» يۈرۈشلۈكى توغرىسىدا تالاش-تارتىشلار ئۈزۈلمىسىمۇ، لېكىن پول رۇد مارۋېلنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدە مېھمان رولدا كۆرۈنگەن ھەر بىر قېتىمدا جەزمەن ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ «كاڭ خاندانلىقى»دە تېخىمۇ ئېغىر رولى بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ئۈمىد شۇكى، «ھالاكەت كۈنى»دە ئۇ يەنىلا يېتەرلىك ئىپادىلەش بوشلۇقىغا ئىگە بولالايدۇ.
ليۇ سىمۇ — شاڭچى رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «شاڭچى ۋە ئون ھالقا رىۋايىتى» (2021-يىلى). ليۇ سىمۇنىڭ «شاڭچى ۋە ئون ھالقا رىۋايىتى»دە قورال تۇتۇپ ئىبادەتخانا يېنىدا تۇرغان قىياپىتى
«شاڭچى ۋە ئون ھالقا رىۋايىتى»نىڭ بېلەت كىرىمى كىشىنى تازا قانائەتلەندۈرەلمىدى، لېكىن فىلىمنىڭ ئۆزى كىنو تەنقىدچىلىرى ۋە مەستانىلىرىنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. بېلەت كىرىمىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى زور دەرىجىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولدى، لېكىن مارۋېل شۇنىڭدىن كېيىن داۋامىنى ئىشلەشكە ئالدىرىمىغاندەك كۆرۈندى. گەرچە ليۇ سىمۇ كارتون تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ناۋادا…؟» ۋە «مارۋېل مۇردىلىرى»دا شاڭچىنىڭ كۆپلىگەن نۇسخىلىرىغا ئاۋاز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن «ھالاكەت كۈنى» ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مارۋېلنىڭ ھەقىقىي ئادەم كىنوسىغا قايتىپ كېلىپ، ئاساسىي كائىناتتىكى شاڭچى رولىنى ئوينىشى بولۇپ قالىدۇ. بۇ بەلكىم شاڭچى مەستانىلىرى كۈتكەن ھەقىقىي داۋامى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ليۇ سىمۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈش كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ تەسەللىي.
لېتىتسىيا رايت — شۇرى / قارا قاپلان رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «قارا قاپلان» (2018-يىلى). «قارا قاپلان2: ۋاكاندا ياشىسۇن»دىكى شۇرى قىياپىتى
مارۋېل رەسىملىك كىتابىدا، شۇرى ئەسلىدىنلا قارا قاپلاننىڭ ۋارىسلىرىنىڭ بىرى ئىدى، لېكىن ئەگەر چادۋىك بوسمان 2020-يىلى بەختسىزلا ۋاپات بولمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ «ھالاكەت كۈنى»دە قارا قاپلان رولىنى داۋاملىق ئوينىغان بولاتتى. ھازىر، لېتىتسىيا رايت ئاللىقاچان مارۋېل كىنو كائىناتىدىكى ۋاكاندانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانىغا ئايلاندى، ھەمدە 2026-يىلىدىكى «ھالاكەت كۈنى»دە پەيدا بولىدۇ. 2022-يىلىدىكى «قارا قاپلان2: ۋاكاندا ياشىسۇن»دا شۇرىنىڭ ۋاپات بولغان ئاكىسىنىڭ قولىدىن قارا قاپلانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىق ھېكايىسى سۆزلەنگەن، «ھالاكەت كۈنى» بولسا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قارا قاپلان سالاھىيىتى بىلەن فىلىمنىڭ بېشىدىلا جەڭگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
ۋىنستون ديۇك — مۇباكۇ رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «قارا قاپلان» (2018-يىلى). ۋىنستون ديۇكنىڭ «قارا قاپلان»دىكى مۇباكۇ قىياپىتى
مۇباكۇ جابارى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىرقى مارۋېل كىنو كائىناتىدىكى ۋاكاندا پادىشاھىدۇر. ۋاكاندا مارۋېل كىنو كائىناتى يەر شارىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋىنستون رولىنى ئالغان مۇباكۇنىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»دە كۆرۈنۈشىمۇ تەبىئىي بىر ئىش. دوكتور دۇمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قەھرىمانلار بارلىق كۈچنى بىرىكتۈرۈشكە موھتاج، ۋاكاندا زاپىسى مول بولغان ۋىبرانىيۇم (Vibranium) رەقىبلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم بايلىققا ئايلىنىدۇ. بۇ قېتىم «ھالاكەت كۈنى»دە رول ئېلىشى ديۇكنىڭ بەشىنچى قېتىم مارۋېل ئەسەرلىرىدە مۇباكۇ رولىنى ئوينىشىدۇر.
تېنوچ ئۇئېرتا — نامور رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «قارا قاپلان2: ۋاكاندا ياشىسۇن» (2022-يىلى). «قارا قاپلان2: ۋاكاندا ياشىسۇن»دىكى نامور قىياپىتى. ۋالت دىسنىي كىنوچىلىقى
گەرچە نامور «قارا قاپلان2: ۋاكاندا ياشىسۇن»نىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق رەقىبى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مارۋېل كىنو كائىناتىدىكى ئوبرازى ئۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغان، شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»دە قايتىپ كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. «قارا قاپلان2»نىڭ ئاخىرىدا، نامور شۇرى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ئاللىقاچان يەر شارىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھېسابلاندى. لېكىن «ھالاكەت كۈنى»نىڭ ئارتىسلار سېپىدە، سېغىنىش ياكى يېقىنقى قىزىق نۇقتىلارغا تايىنىپ تېخىمۇ يۇقىرى تېما قىممىتىگە ئىگە بولغان مارۋېلنىڭ كونا ئارتىسلىرى ئاز ئەمەس، شۇڭا نامورنىڭ فىلىمدە پەقەت بىر يانداش رول بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ.
«چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى»نىڭ بارلىق ئەزالىرى قايتىپ كەلدى

«چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى»نىڭ بارلىق ئارتىسلىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. ۋالت دىسنىي كىنوچىلىقى. ليۇئىس پۇلماننىڭ «چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى»دا سېنتىنېل (Sentry) رولىنى ئالغاندا كۈلۈپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. ۋالت دىسنىي كىنوچىلىقى
2025-يىلىدىكى «چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۆزىنى بىر كىچىك تىپتىكى روللار بىرلەشمە زىياپىتى دەپ ئاتاشقا ئەرزىيدۇ. بۇ فىلىمدە، ئىلگىرى مارۋېل كىنو كائىناتىدا كۆرۈنۈپ باقمىغان بىردىنبىر ئاساسلىق رول ليۇئىس پۇلمان رولىنى ئالغان بوب رېينولدس / سېنتىنېل / ۋويىد (Void) بولۇپ، قالغان ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى مارۋېل كىنو كائىناتىدىكى تونۇش چىرايلار. فلورېنس پيۇ رولىنى ئالغان يېلېنا بېلوۋا، داۋىد خاربور رولىنى ئالغان ئالېكسېي شوستاكوف / قىزىل قوغدىغۇچى، خاننا جون-كامېن رولىنى ئالغان ئېۋا ستار / ئەرۋاھ، ۋايت راسسېل رولىنى ئالغان جون ۋالكېر / ئامېرىكا جاسۇسى، شۇنداقلا سېباستىيان ستان رولىنى ئالغان باكى بارنېس / زىمىستان جەڭچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مارۋېل كىنو كائىناتىنىڭ پېشقەدەم شەخسلىرىدۇر. پۇلمان بولسا قىيىن ئەھۋالدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ئارقىمۇئارقا ئىككى پارچە مارۋېل بىرلەشمە چوڭ فىلىمىگە قاتناشقان بولدى.
«قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»گە قايتىپ كېلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن «چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى» ئارتىسلىرى تىزىملىكى

«خىسلەتلىك تۆت پالۋان: تۇنجى قەدەم»نىڭ بارلىق ئەزالىرى قوشۇلدى

تۆت باش رولچىنىڭ ھەممىسى 2025-يىلى تۇنجى قېتىم مارۋېل كىنو كائىناتىدا كۆرۈنىدۇ. «خىسلەتلىك تۆت پالۋان: تۇنجى قەدەم»نىڭ سۈرەتلىرى، سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە: جوسېف كۇيىن — جوني ستورم / ئوت ئادەم رولىدا، ۋانېسسا كىربى — سۇزان ستورم / كۆرۈنمەس قىز رولىدا، پېدرو پاسكال — رىد رىچاردس / خىسلەتلىك ئەپەندىم رولىدا، ئېبون موس-باخراخ — بېن گىرىم / تاش ئادەم رولىدا
«چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى»غا ئوخشاش، «خىسلەتلىك تۆت پالۋان: تۇنجى قەدەم»مۇ خېلى بۇرۇنلا «ھالاكەت كۈنى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان فىلىملەرنىڭ بىرى. «چاقماق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى»نىڭ ئاخىرىدا خىسلەتلىك تۆت پالۋاننىڭ ئالەم كېمىسى كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىرلىق كائىنات ساياھىتىدىن بېشارەت بەرگەن؛ «خىسلەتلىك تۆت پالۋان: تۇنجى قەدەم»دە بولسا، كىچىك روبېرت داۋنىي رولىنى ئالغان دوكتور دۇممۇ قىسقا ۋاقىتلىق تۇنجى كۆرۈنۈشىنى تاماملىغان. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، بۇ ئىككى فىلىمنىڭ يادرولۇق ئارتىسلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»گە قايتىپ كېلىشى تەبىئىي بىر ئىش. پېدرو پاسكال، ۋانېسسا كىربى، جوسېف كۇيىن ۋە ئېبون موس-باخراخ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تۆت ئارتىس «ھالاكەت كۈنى»گە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، پەقەت بىرلا مارۋېل ئەسىرىدە رول ئالغان، بۇ چولپانلار جەم بولغان ئارتىسلار سېپىدە ئاز سانلىقلار ھېسابلىنىدۇ.
پاترىك ستۇئارت — چارلىز زېۋىيېر / X پىروفېسسور رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «X ئادەملەر» (2000-يىلى). پاترىك ستۇئارتنىڭ «دوكتور سىترەنج 2: ساراڭ كۆپ قىرلىق كائىنات»تىكى X پىروفېسسور قىياپىتى
ستۇئارت رولىنى ئالغان X پىروفېسسور ئەسلىدە «X جەڭچىلەر» (X-Men) يۈرۈشلۈكىنىڭ يادرولۇق رولى ئىدى، بۇ يۈرۈشلۈك ئىلگىرى بىر مۇستەقىل مارۋېل كىنو كائىناتى بولغان. لېكىن ئۇ يەنە 2022-يىلىدىكى «غەلىتە دوكتۇر 2: تەلۋە كۆپ قىرلىق كائىنات»تا، كۆپ قىرلىق كائىناتتىن كەلگەن بىر X پىروفېسسور ۋارىيانتىنىڭ رولىنى ئورۇندىغان. 2017-يىلىدىكى «پولات بۆرە 3: ئاخىرقى جەڭ» (Logan)دە X پىروفېسسور ئاللىقاچان ۋاپات بولغان، شۇڭا ئەگەر ستۇئارت بۇ قېتىم قايتىپ كېلىپ ئەسلىدىكى X پىروفېسسور رولىنى ئوينىسا، مارۋېلنىڭ سىنارىستلار گۇرۇپپىسى بەلكىم بىر ئەپچىل ھېكايە لايىھەلىشىگە توغرا كېلىدۇ. تېخىمۇ مۇمكىن بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش شۇكى، ئۇ خۇددى «غەلىتە دوكتۇر 2»دىكىگە ئوخشاش، يەنە بىر كۆپ قىرلىق كائىناتتىكى ۋارىيانت سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئىئان ماككېللىن — ئېرىك لانشېر / ماگنېتو رولىدا

ئارتىسنىڭ مارۋېلدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى: «X جەڭچىلەر» (2000-يىلى). «X جەڭچىلەر: ماگنېتو»غا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر
ماككېللىن رولىنى ئالغان ماگنېتو ئىلگىرى 20-ئەسىر فوكىس (20th Century Fox) نىڭ «X جەڭچىلەر» كائىناتىدا ئاكتىپ بولۇپ كەلگەن، ھازىر ئاخىرى رەسمىي ھالدا مارۋېل كىنو كائىناتىغا قوشۇلۇپ، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»دە كۆرۈنمەكچى. گەرچە ماگنېتو رەسىملىك كىتابتا ئىزچىل رەقىب ئوبرازىدا كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ماككېللىن ياراتقان بۇ نۇسخىسىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئادىل قەھرىمانلار بىلەن بىرلىشىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغان. دوكتور دۇمغا ئوخشاش كۈچلۈك تەھدىت ئالدىدا، ماگنېتونىڭ X جەڭچىلەر ۋە باشقا مارۋېل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشنى تاللىشىمۇ مۇۋاپىقتۇر. لېكىن ھازىرچە رەسمىي جەھەتتىن ماگنېتونىڭ «ھالاكەت كۈنى»دە زادى قايسى سەپتە تۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئاشكارىلانمىدى.
باشقا X جەڭچى ئەزالىرىنىڭ قايتىپ كېلىشى (ھەممىسى ئەمەس)

«X جەڭچىلەر 3: ئاخىرقى تىركىشىش»تىكى بىر تۈركۈم روللارنىڭ سۈرىتى، جىن گرېي، بوران خانقىزى، پولات بۆرە، لازېر كۆز، X پىروفېسسور قاتارلىقلار. 20-ئەسىر فوكىس
مارۋېل كىنو كائىناتى ھازىرچە يېڭى نۇسخىدىكى X جەڭچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى چىقارمىدى، شۇڭا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى» كونا نۇسخىدىكى «X جەڭچىلەر» يۈرۈشلۈكىگە ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى سەھنىگە ئايلىنىدۇ. گەرچە كونا نۇسخىدىكى «X جەڭچىلەر» يۈرۈشلۈك كىنولىرىنىڭ ئىنكاسى تۈرلۈكچە بولسىمۇ، لېكىن شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، 20-ئەسىر فوكىسنىڭ ئارتىس تاللاشتىكى كۆزى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان، ئۇلار ياراتقان بىر تۈركۈم قەھرىمانلار ۋە رەقىبلەرنىڭ ئوبرازى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. شۇڭا، ئۇلار يېڭى نۇسخىدىكى ئارتىسلار تەرىپىدىن ئالماشتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، يەنە بىر قېتىم بارلىق ئەزالارنىڭ جەم بولغانلىقىنى كۆرۈش كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېنىقلا بىر چوڭ خۇشاللىق.
«قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»گە قايتىپ كېلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن كىلاسسىك X جەڭچى ئارتىسلىرى تىزىملىكى

ئىزاھات: كەلسى گراممېر ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان مارۋېل كىنو كائىناتىدا كۆرۈنگەن — ئۇ 2023-يىلىدىكى «مارۋېل كاپىتانى 2»نىڭ ئاخىرىدىكى رەڭلىك تۇخۇم كۆرۈنۈشىدە، «يىرتقۇچ» (Beast) رولىنى ئوينىغان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چاننىڭ تاتۇم رولىنى ئالغان «قارت قىمارۋاز» (Gambit) مۇ «ھالاكەت كۈنى»گە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى 2024-يىلىدىكى «سۆزچاق ۋە پولات بۆرە»دە مارۋېلنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشىنى تاماملىغان، لېكىن بۇ رولنىڭ ئەھۋالى سەل ئالاھىدە. 20-ئەسىر فوكىسنىڭ «X جەڭچىلەر» كائىناتىدا، قارت قىمارۋاز رولىنى ئەسلىدە تايلور كىتچ ئوينىغان؛ «سۆزچاق ۋە پولات بۆرە»دە بولسا، چاننىڭ تاتۇم رولىنى ئالغان قارت قىمارۋاز ئەسلىدە مۇستەقىل كىنو بولۇش پىلانلانغان بىر ۋارىيانت رولىدۇر، بۇ قارتا ئويناش ماھىرى بولغان لۇئىسئانالىق كېلىشكەن يىگىت ئاخىرى يەنە بىر قېتىم سەھنىگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شۇڭا مۇنداقچە ئېيتقاندا، چاننىڭ تاتۇممۇ قايتىپ كەلگەن مارۋېل ئارتىسى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئوينىغان قارت قىمارۋاز بىلەن تايلور كىتچنىڭ 2009-يىلىدىكى «پولات بۆرە»دە ياراتقان نۇسخىسى ئوخشاش بىر رول ئەمەس.
«قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى»گە قوشۇلىدىغانلىقى تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان مارۋېلنىڭ مۇھىم روللىرى

سۆزچاق ۋە ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ھەر ئىككىسى تىزىملىكتە. «سۆزچاق ۋە پولات بۆرە»دە ياغاچ ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان رايان رېينولدس رولىنى ئالغان سۆزچاق
2026-يىلى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى: ھالاكەت كۈنى» قويۇلغاندا، چوڭ ئېھتىماللىق بىلەن نۇرغۇن رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان كۈتۈلمىگەن روللار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن مارۋېلنىڭ مۇھىم روللىرى تېخى ئارتىسلار تىزىملىكىدە كۆرۈنمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز فىلىمدە پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يەنىلا بار. ئەڭ روشەن مىسال بولسا توم ھوللاند رولىنى ئالغان ئۆمۈچۈك پالۋان. لېكىن 2026-يىلىمۇ ئوخشاشلا «ئۆمۈچۈك پالۋان: يېڭى باشلىنىش» قويۇلىدۇ، دىسنىي بەلكىم رولنىڭ زىيادە كۆپ كۆرۈنۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋاقتىنچە ئۆمۈچۈك پالۋاننى «ھالاكەت كۈنى»نىڭ ئارتىسلار سېپىگە قوشمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاش ئەھۋالدا مارك رۇففالو رولىنى ئالغان برۇس باننېر / يېشىل ئادەم (Hulk)گىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن — ئۇ ئاللىقاچان «ئۆمۈچۈك پالۋان: يېڭى باشلىنىش»قا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن، لېكىن ھازىرچە «ھالاكەت كۈنى»نىڭ تىزىملىكىدە كۆرۈنمىدى.
تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان باشقا مۇھىم روللاردىن يەنە: رايان رېينولدس رولىنى ئالغان سۆزچاق، خيۇ جېكمان رولىنى ئالغان پولات بۆرە، برى لارسون رولىنى ئالغان مارۋېل كاپىتانى، جېرېمىي رېننېر رولىنى ئالغان بۈركۈت كۆز (Hawkeye)، شۇنداقلا چارلى كوكىس رولىنى ئالغان تۈن پالۋىنى (Daredevil). ھېكايە نوقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ روللارنىڭ قەھرىمانلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، دوكتور دۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق ئاساسى بار. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن «ھالاكەت كۈنى»گە قاتنىشىپلا قالسا، ئۇنداقتا چوڭ ئېھتىماللىق بىلەن 2026-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى فىلىم رەسمىي قويۇلغاندا، كىنو مەستانىلىرى ئاندىن بۇ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقنى بىلەلەيدۇ.
بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى كۈتۈۋاتامسىز؟ يەنە قايسى رولچىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟ ئىنكاس رايونىدا پىكرىڭىزنى بايان قىلىڭ.

بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : QutTash
2026-01-02 17:23:14 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1本网站内容仅供个人学习、研究和欣赏,未经授权禁止用于任何商业用途。
- 2网站中的代码示例仅用于教育目的,使用时请遵循相关开源协议和授权规定。
- 3转载或引用本站内容请注明出处,尊重原创,共同维护良好的创作环境。
- 4网站评论区欢迎理性讨论,请勿发表违反法律法规的言论,共建和谐社区。
- 5如有内容侵犯您的权益,请通过博客联系方式告知,将立即核实并处理。
- 6使用本站资源时产生的任何问题与后果需自行承担,请谨慎操作。






















ھازىرچا ئىنكاس يوق