مىسسى مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ شەخسىي تۇرمۇشىنى تىلغا ئالدى
يېقىندا لىئونېل مېسسى يۇرتى روسارىئوغا قايتىشتىن بۇرۇن Luzu تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. مەخسۇس زىيارەت جەريانىدا، ئۇ ئايالى ئانتونېللا، شەخسىي تۇرمۇشى ۋە توپ مەيدانى كەچۈرمىشى قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلار ئۈستىدە توختالدى.
ئايالى ئانتونېللا بىلەن تونۇشۇش جەريانى توغرىسىدا:
مىسسى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:«بىز كىچىك ۋاقتىمىزدىلا تونۇشاتتۇق، بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قالاتتۇق. يېشىمىز بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇ چاغدىكى مۇناسىۋەت بالىلىقتىكى ھەمراھقا بەكرەك ئوخشايتتى. مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ ئالاقىمىز بىر مەھەل ئازلاپ كەتتى. كېيىن بىز قايتىدىن ئالاقە ئورناتتۇق.ـ
ئانتونېللا بىلەن بولغان ھېسسىيات توغرىسىدا:
مىسسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«تەخمىنەن مەن 20 ياش ۋاقتىمدا، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز مۇھىم تەرەققىي قىلدى. مەن ئۇنىڭ مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى سۆيگۈنۈم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. مەن ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئەمەس، ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن، مەسىلەن، ئۇنىڭغا كىچىك سوۋغات تەييارلاپ، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ـ
دائىم ئاڭلايدىغان مۇزىكىلار توغرىسىدا:
مىسسى:«ئادەتتە بالىلار ماڭا ياردەملىشىپ مۇزىكا تاللاپ بېرىدۇ، ئۇلار ھازىر مودا بولىۋاتقان ناخشىلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى.
ئۆزىنىڭ مىجەزىدىكى ئەڭ رازى بولمىغان جايلار توغرىسىدا:
مىسسى مۇنداق دەيدۇ:«مەن بەزى ئىشلار ئۈستىدە ئاسانلا قايتا ـ قايتا ئويلىنىمەن، كەيپىياتىم بەزىدە شۇ سەۋەبتىن تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭلۈمدىكى ئوي ـ خىياللارنى ئىپادىلەشكە ئانچە كۆنەلمىدىم.
ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى توغرىسىدا:
مىسسى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:«ئائىلىمىزنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بالىلارنىڭ مۇقىم مەشىق ۋە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشى بار. بىز بوش ۋاقىتلىرىمىزدا دائىم ئۆيدە ئاددىي پۇتبول پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىمىز.
پاكىزلىققا بولغان تەلىپى توغرىسىدا:
مىسسى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«مېنىڭ پاكىزلىققا نىسبەتەن بىر قەدەر يۇقىرى تەلىپىم بار. ئانتونېللا بۇ جەھەتتە بارا ـ بارا مېنىڭ ئادىتىمگە ئۇيغۇنلىشىپ قالدى، ماڭا ياردەم قىلىپ مەشىق جابدۇقلىرىنى رەتلەپ بېرىدۇ.
AI قورالىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا: مىسسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مەن پۈتۈنلەي ئىشلەتمەيمەن، قانداق ئىشلىتىشنى ئانچە چۈشەنمەيمەن. ئانتونېللا دائىم ئىشلىتىدۇ، كۈندىلىك مەسىلىلەرنى سورايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئاشكارا سورۇنلاردا پەقەت ئىسپان تىلىدا سۆزلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا:
مىسسى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:«مەن ئاشكارا سورۇنلاردا ئىسپان تىلىنى ئىشلىتىشكە بەكرەك مايىل. گەرچە مېنىڭ ئىنگلىز تىلىدا كۈندىلىك ئالاقە ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىم بولسىمۇ، لېكىن ئانا تىلدىن باشقا تىلدا ئوي پىكىرىمنى راۋان ئىپادىلەش مېنى سەل قىينايدۇ ۋە خىجىل بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ.ـ
كەسپىي ھاياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا ئارگېنتىنادا ئۇچرىغان تەنقىدلىرى توغرىسىدا:
مىسسى مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ تەنقىدلەر ئىلگىرى مېنى ئازابلىغان. لېكىن تېخىمۇ قىيىن بولغىنى ئائىلەمدىكىلەر، ئۇلار نۇرغۇن ئەيىبلەشلەرگە بەرداشلىق بەردى. ئەينى چاغدىكى زىچ مۇسابىقە رىتىمى مېنى پاسسىپ كەيپىياتقا چۆمدۈرمىدى.ـ
ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا قايتىش كەچۈرمىشى توغرىسىدا:
مىسسى تەڭ بەھرىمەن بولۇپ مۇنداق دېدى:«مەن بىر مەھەل دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالمايمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن كېيىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلدىم. دۆلەت كوماندىسىغا قايتىشنىڭ مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور، مەن باشقىلارنىڭ قارىشىغا پىسەنت قىلمايمەن. بۇ كەچۈرمىشلەر ماڭا قەلبىمدىكى ھەقىقىي قىزغىن سۆيىدىغان شەيئىلەردىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.ـ
توپ مەيدانىدا ئالاھىدە ھەركەت چىقىرىش توغرىسىدا:
مىسسى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:«مەن ئەزەلدىن مۇسابىقىدە ئالا – بۇلىماچ تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەرنى قەستەن ئىشلىتىپ باقمىغان. مەن توپ ئېلىپ مېڭىش ۋە توپ كونترول قىلىش جەريانىدىن ھۇزۇرلىنىمەن، لېكىن بارلىق تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەن ئۇنداق تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ماھارەتلەرگە قىزىقمايمەن.
توپ مەيدانىدىكى مىجەز – خاراكتېر ۋە قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان سۆز – ھەرىكەتلەر توغرىسىدا:
مىسسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مۇسابىقە جەريانىدا، مەن پۈتۈنلەي مۇسابىقىگە كىرىشىپ كېتىمەن، غەلىبە قىلىش ئىستىكىم ناھايىتى كۈچلۈك، بەزىدە رەقىبىم ياكى رېپىر بىلەن تالاش ـ تارتىش قىلىمەن. لېكىن مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ كەيپىياتلار بېسىقىپ قالىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن مۇسابىقىدىكى بەزى ھەرىكەتلەرنى كۆرسەم، ئۆزۈممۇ مۇۋاپىق ئەمەستەك ھېس قىلىمەن.
قاتار دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمىگەندىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا:
مېسسى تىلغا ئېلىپ:«شۇ كۈنى كەچتە، مەن توپ كوماندىسىنىڭ پاراڭلىشىش توپىغا ئۇچۇر يوللاپ، بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىمىز ۋە كېيىنكى خىرىسلىرىمىزنى تەھلىل قىلدىم. سەپداشلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ سۆز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، كېيىن بىزنىڭ كوللېكتىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى كۈچەيدى.ـ
ياخشى كۆرىدىغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر توغرىسىدا:
مىسسى:«مەن قىزىل ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن ھاۋا ئىسسىغاندا، بەزىدە قىزىل ھاراق بىلەن سپرايتنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىمەن » دەپ جاۋاب بەردى.
سىز مىسسىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا بەھرىمەن بولغان شەخسىي تۇرمۇش تەپسىلاتى بىلەن توپ مەيدانىنىڭ خاراكتېرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە قانداق قارايسىز؟
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : Putbol一Dunyasi
2026-01-08 10:34:57 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1本网站内容仅供个人学习、研究和欣赏,未经授权禁止用于任何商业用途。
- 2网站中的代码示例仅用于教育目的,使用时请遵循相关开源协议和授权规定。
- 3转载或引用本站内容请注明出处,尊重原创,共同维护良好的创作环境。
- 4网站评论区欢迎理性讨论,请勿发表违反法律法规的言论,共建和谐社区。
- 5如有内容侵犯您的权益,请通过博客联系方式告知,将立即核实并处理。
- 6使用本站资源时产生的任何问题与后果需自行承担,请谨慎操作。
























ھازىرچا ئىنكاس يوق