大熊猫“宝元”“德瑞”抵达乌鲁木齐!将在水上乐园熊猫馆开启新生活
مۈشۈكئېيىق «باۋيۈەن» بىلەن «دېرۇي» ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى! سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى مۈشۈكېيىق سارىيىدا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلايدۇ
مۈشۈكېيىق خۇاشيا زېمىنىنىڭ گۆھىرى، ئۇلار ساددا ھەم ئوماق قىياپىتى بىلەن ئومۇمىي خەلق قارشى ئالىدىغان «خەلق ئەركىسى» گە ئايلاندى. 2- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاھىدە بىر جۈپ «ئەزىز مېھمان»نى كۈتىۋالدى، چېڭدۇدىن كەلگەن ئىككى مۈشۈكئېيىق باۋيۈەن بىلەن دېرۈي ئامان-ئېسەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
بۇ ئوماق باۋيۈەن
↓↓↓

بۇ شوخ دېرۇي
↓↓↓

دۆلەت گۆھىرى بولغان بۇ بىر جۈپ ئوماق مۈشۈكئېيىق ئۈرۈمچى شەھىرىدە ماكانلىشىپ، ئات يىلىغا ئۆزگىچە خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
كەسپىي ئىنچىكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپى تاماملانغاندىن كېيىن، «باۋيۈەن» بىلەن «دېرۇي» سۇ ئۈستى باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيىغا رەسمىي كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇش سەھىپىسىنى ئاچىدۇ، ئۇلار يېڭى مۇھىتقا ماسلاشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق پەيتتە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. «باۋيۈەن»، «دېرۇي» نىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ شەھەرگە جانلىق، «دۆلەت گۆھىرى» پۇرىقى قوشىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئۇلار بىلەن يۈز كۈرۈشۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.
شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى تۇلپار بازىسىدا مۈشۈكېيىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە چەۋەندازلىق سالاپىتى يۇغۇرۇلغان بىر مەيدان ئۆزگىچە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە مۈشۈكېيىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. چەۋەندازلار بىلەن ئوماق بالا سەھنىدە ئۆزگىچە ماھارىتىنى نامايان قىلدى. چەۋەندازلار كەسپىي كىيىملەرنى كىيىپ، ئات چاپتۇرۇپ، «مۈشۈكېيىق كەلدى» دېگەن خەت ۋە مۈشۈكېيىقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەڭدار بايراقلارنى لەپىلدىتىپ، ئارغىماقلارنى چاپتۇردى. رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ چەۋەندازلىق ھەرىكىتىنىڭ جەسۇرانە قىياپىتىنى نامايان قىلدى ھەم مۈشۈكېيىقنىڭ يېتىپ كېلىشىگە بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

سىز بەلكىم «باۋيۈەن» بىلەن «دېرۈي»نىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قانداق يېڭى ئۆيدە تۇرىدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق ئۇيغۇنلىشىدىغانلىقى، يەنە قانداق قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا قىزىقىشىڭىز مۇمكىن، بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى «مۈشۈكئېيىقنىڭ غەربكە ساياھىتى» ناملىق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئىز قوغلاش سەھىپىسىنى رەسمىي يولغا قويدى، بىز يېزىق، سۈرەت، كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ شەكلى ئارقىلىق بۇ بىر جۈپ مۈشۈكئېيىقنىڭ يولغا چىققاندىن تارتىپ ماكانلاشقىچە بولغان ھەر بىر ئىللىق دەقىقىلىرىنى خاتىرىلەپ، ئۇلارنىڭ تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، ئۈرۈمچىدە ماكانلاشقىنىدەك ھەقىقىي ھېكايىسىنى بايان قىلىمىز.

مەزمۇنلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلار چەمبىرىكىدە بەھىرلىنىشنى، دوستلار توپىڭىزغا يوللاپ قويۇڭ

بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 孔雀河畔
2026-02-06 11:17:28 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。

ھازىرچا ئىنكاس يوق