نېمار بىلەن سانتوس 2026-يىلىغىچە توختامنى ئۇزارتتى
بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە ھەپتە كېڭىشىش ئارقىلىق، نېماربىلەن سانتوس پۇتبول كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدىكى توختامنى ئۇزارتىش ئىشى بېكىتىلگەن. پۇتبول كۇلۇب ئالمىشىش ئۇچۇر مۇتەخەسسىسى فابرىچىئو رومونونىڭ ئاشكارىلىشىچە، نېمار سانتوس پۇتبول كۇلۇبى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بۇ كۇلۇب ئۈچۈن 2026 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىكەن.
بۇ نېمار 2025 – يىلى سانتوس پۇتبول كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان 3 – توختام. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئىككى قېتىم مۇددىتى ئالتە ئايلىق قىسقا مۇددەتلىك توختام ئىمزالىغان؛ بۇ قېتىمقى مۇددىتى بىر يىللىق توختامنىڭ ئۇزارتىلىشى كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماي، سانتوس پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بۇ يادرولۇق توپچىنى مەركەز قىلىپ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يېڭى توختام ھازىرقى كۇلۇب رەئىسى ماسېلو تېيشېيرانىڭ پۈتۈن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى قاپلايدۇ.
بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىسى < < يەر شارى تەنتەربىيىسى > > دە كۆرسىتىلىشچە، گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلانى تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق كۇلۇبنىڭ ئىچكى قىسمى توختامنى ئۇزارتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئىزچىل ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن. ئەسلىدىكى توختامنىڭ ۋاقتى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى توشقان ئەھۋالدىمۇ، ئىككى تەرەپ يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
نېمارنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن يۇقىرى تەننەرخ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى تۆتتىن بەشكىچە ئادەتتىكى توپچىنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر كېلىدۇ. بىراق سانتوس پۇتبول كۇلۇبىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، بۇ كۇلۇبنىڭ ياشلار مەشىق سېستىمىسىدا تەربىيلەنگەن 10-نومۇرلۇق توپچىنىڭ قىممىتى ئاللىقاچان ئادەتتىكى توپچىلار دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. بولۇپمۇ 2026 – يىللىق خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يېقىنلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، نېمار بىرازىلىيە دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا قايتىدىن تاللىنىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرمەكتە، تونۇش مۇھىتتا قېلىپ مۇسابىقىلىشىش ھالىتىنى ساقلىسا، ئەڭ ياخشى تاللاش دەپ قارىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى توختامنى ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك ھالقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا:سانتوس پۇتبول كۇلۇبى بىلەن نېمارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى باشقۇرۇۋاتقان NR Sports شىركىتى ئوتتۇرىسىدا سۈرەت ھوقۇقى كېلىشىمى ئىمزالانغان. نۆۋەتتە، سانتوس پۇتبول كۇلۇبى يەنىلا بۇ شىركەتكە 85 مىليون برازىلىيە رىيالى ( تەخمىنەن 15 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) قەرز بولۇپ قالغان، بۇ پۇلنى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆلەپ بولۇشى كېرەك.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۈتكۈل سۆھبەت جەريانىدا، نېمارنىڭ ئىپادىسى تىنچ بولۇپ، قارار چىقىرىشقا ئالدىرىمىغان. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ سول تىزىنىڭ يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچىكى ئوپېراتسىيەسىدىن كېينكى داۋالاشنى باشلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە 2026 – يىلى 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاندىن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلەلەيدىكەن. گەرچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاشقا ئاساسلىقى ئۇنىڭ شەخسىي كوللېكتىپى مەسئۇل بولسىمۇ، لېكىن سانتوس پۇتبول كۇلۇبى ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش تەرەققىياتىغا باشتىن – ئاخىر يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدى ھەمدە توختامنى ئۇزارتىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈردى.
سىزنىڭچە كۇلۇبنىڭ يۇقىرى مائاشلىق يادرولۇق توپچىنى تۇتۇپ قېلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل نېمە؟
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : Putbol一Dunyasi
2026-01-03 12:21:27 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1本网站内容仅供个人学习、研究和欣赏,未经授权禁止用于任何商业用途。
- 2网站中的代码示例仅用于教育目的,使用时请遵循相关开源协议和授权规定。
- 3转载或引用本站内容请注明出处,尊重原创,共同维护良好的创作环境。
- 4网站评论区欢迎理性讨论,请勿发表违反法律法规的言论,共建和谐社区。
- 5如有内容侵犯您的权益,请通过博客联系方式告知,将立即核实并处理。
- 6使用本站资源时产生的任何问题与后果需自行承担,请谨慎操作。























ھازىرچا ئىنكاس يوق