
يولۇچى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 244 قاپ تاماكا بۇيۇمىنى ئېلىپ كىرگەندە نىڭبو ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى

«تاموژنا خەۋىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، نىڭبو ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش يولىدا بىر يولۇچى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ كىرگەن 244 قاپ، 48 مىڭ 800 تال تاماكا بۇيۇمىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.
تاموژنا خادىملىرى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، «يېشىل يول» بىلەن چېگرادىن كىرىشنى تاللىغان بىر يولۇچىنىڭ توشۇشقا بەرگەن يۈك-تاقلىرىنىڭ ماشىنىدا تەكشۈرۈش سۈرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، رەتلىك تىزىلغان لىق ئوخشاش بۇيۇم كۆرۈنگەن. چاماداننى ئېچىپ يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، جەمئىي 244 قاپ، 48 مىڭ 800 تال تاماكا قولغا چۈشۈرۈلگەن. نۆۋەتتە، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بۇ سۇپا رەسمىي تورغا چىقىرىلدى
تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تۈرى 200 دىن ئاشتى
مائارىپ مىنىستىرلىقى: 15 تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى تەسىس قىلىنىدۇ
جۇڭگو پۇقرالىرى تۈركىيەگە ۋىزىسىز بارسا بولىدىغان بولدى
كورېيە زۇڭتۇڭى بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 人民网维吾尔文版
2026-01-07 09:10:44 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。


















ھازىرچا ئىنكاس يوق