
خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
新的一年,请做到这三条
يېڭى بىر يىلدا مۇنۇ ئۈچ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ
ღ ღ ღ
这几天,大家都忙着在辞旧和迎新。
بۇ بىرنەچچە كۈندە كۆپچىلىك كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
有人开心地在朋友圈总结着,2025年完成了哪些事,离自己的目标又靠近了多少;有人略遗憾地感怀时间过得太快,转眼间一年已不见,好像什么也没把握住;也有人感激着2025年发生的一切,期冀着2026年依旧能不忘初心,成为自己想成为的自己。
بەزىلەر خۇشال ھالدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاپ 2025-يىلى قايسى ئىشلارنى تاماملاپ، ئۆزىنىڭ نىشانىغا يەنە قانچىلىك يېقىنلاشقانلىقىنى خۇلاسىلىدى؛ بەزىلەر ئازراق ئەپسۇسلانغان ھالدا ۋاقىتنىڭ بەك تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغانلىقىغا ئېچىندى؛ يەنە بەزىلەر 2025-يىلى يۈز بەرگەن ھەممىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، 2026-يىلىمۇ دەسلەپكى ئارزۇسىنى ئۇنۇتماي، ئارزۇلىغان ئۆزى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ بۇ بىر يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بوپتىمەن، بەزىلەرنىڭ ئەمىلى ئۆسۈپ، مائاشى يۇقىرىلىغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ 20 نەچچە پارچە كىتاب ئوقۇغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان كىنىشكىنى ئالغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلىغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ئۆزى ئارزۇلىغان دۆلەتكە ئوقۇشقا چىققانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ ئون نەچچە يېڭى ئۇسسۇل ئۆگەنگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ نۇرغۇن شەھەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ يېڭى بىر ماھارەت ئۆگەنلىكىنى كۆرۈپتىمەن، ئاڭلاپتىمەن….
ۋاقىتنىڭ كۈچىنىڭ بۇنچە چوڭلۇقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا چۆمدۈرىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن 365 كۈن جەريانىدا، سىز پەقەت ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشقان، ھەربىر مىنۇت ۋاقتىڭىزغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز، ئاخىرىدا يەنىلا مۇئەييەن ھاسىلاتقا ئېرىشىسىز.
ۋاقىت سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز، ئەستايىدىللىقىڭىز، مەلۇم نەرسىدە چىڭ تۇرۇشىڭىز، ۋاز كەچمەسلىكىڭىز ۋە سەمىمىيلىكىڭىزنىڭ ھەممىسىنى «كۆرۈپ» تۇرىدۇ.
ئەكسىچە، ناۋادا، سىز بوشاڭلىق قىلىپ، ۋاقىتنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز، ئۇ يەنىلا ئېنىق «خاتىرە» قالدۇرۇۋالىدۇ، قىلغان ھورۇنلۇقلىرىڭىز كەلگۈسىدىكى ئەپسۇسلۇقلىرىڭىزغا ئايلىنىپ، باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىڭىزنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ.
بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر يىلدا قايسى تەرەپلەرنى ياخشى قىلالىغانلىقىمىز، قايسى تەرەپلەردە داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆڭلىمىزدە خۇلاسە چىقىرىۋالساق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن زىيادە مەيۈسلىنىشىمىز ھاجەتسىز. چۈنكى، بىز يېڭى بىر يىلنى، ھەممىنى يېڭىدىن باشلىيالايدىغان ۋاقىت بۆلىكىنى كۈتۈۋالدۇق.
يۈز بېرىپ بولغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە چارىمىز يوق. بىراق، 2026-يىلى ئازراق ئەپسۇسلىنىشنى ئويلىساق، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى چوقۇم قىلالىشىمىز كېرەك:
ღ ღ ღ
你要有开始新生活的勇气
يېڭى تۇرمۇشنى باشلاش غەيرىتىڭىز بولسۇن
借着新年新气象,做一件有仪式感的事,列出一个清单,把过去一年里你很不喜欢的东西都写出来,把它们全部都丢在2025年。
يېڭى يىلنىڭ يېڭى ئاتموسفېراسىنىڭ باھانىسىدە مۇراسىم تۇيغۇسى بار ئىشتىن بىرنى قىلىپ، بىر تىزىملىك تۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆزىڭىز پەقەتلا ياقتۇرمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى 2025-يىلىغا تاشلاپ بېرىڭ.
把那个太在意别人眼光的自己,就留着这里。新的一年不要做活在别人期待里的人,我们要为自己而活。
باشقىلارنىڭ نەزىرىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۆزىڭىز مۇشۇ يەردە قالسۇن. يېڭى بىر يىلدا باشقىلارنىڭ ئارزۇسىدا ياشىماي، ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشايلى.
把那个事事拖延、在手机上刷娱乐软件、浪费太多时间的自己,也留着这里。在新的一年里,我们要做一个重视时间,充分利用时间,高效生活、学习、工作的行动派。
ھەممە ئىشنى ئارقىغا سۆرەيدىغان، يانفوندىكى كۆڭۈل ئېچىش يۇمشاق دېتاللىرىدا مەزمۇن كۆرۈپ، بەك كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ئۆزىمىزنى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويايلى. يېڭى بىر يىلدا، بىز ۋاقىتنى مۇھىم دەپ بىلىدىغان، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش قىلىدىغان ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغان ھەرىكەتكە ئۆتكۈچىلەردىن بولايلى.
把那个经常熬夜、无法早起、吃太多垃圾食品的自己,也留在2025吧。在2026年,我们做一个健康生活,少熬夜,早点起,规律生活,没事还要多看看书的人。
ھەمىشە كېچىدە ئۇخلىمايدىغان، سەھەر تۇرالمايدىغان، ئەخلەت يېمەكلىكنى بەك كۆپ يەيدىغان ئۆزىمىزنىمۇ 2025-يىلىدا قويۇپ قويايلى. 2026-يىلى بىز ساغلام تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، كەچتە بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇپ، قانۇنىيەتلىك كۈن كەچۈرىدىغان، يەنە تېخى ۋاقىت چىقسا كۆپرەك كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم بولايلى.
还有那个爱不到的人,为他流的眼泪,为他浪费的情绪,也都放在这里吧。我们不能带你去2026了,在新的一年,我们要好好爱自己,去遇到那个更懂我们更珍惜我们的人;
ياخشى كۆرۈپ ئېرىشەلمىگەن ئادىمىمىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆككەن يېشىمىز ۋە ئىسراپ قىلغان كەيپىياتىمىزنىمۇ مۇشۇ يەردە قويۇپ قويايلى. بىز بۇلارنى 2026-يىلىغا ئېلىپ بارساق بولمايدۇ. يېڭى بىر يىلدا، ئۆزىمىزنى ئوبدانراق سۆيۈپ، بىزنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان، تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان ئادەمنى ئۇچرىتىشىمىز كېرەك.
还有无法控制情绪、容易焦虑、容易犹豫的自己,全都让它们留在这里吧。在2026年,我们要去做一个更勇敢、更坚决、也更温暖一点的人。
بۇنىڭدىن باشقا، كەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدىغان، ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان، ھە دېسىلا ئىككىلىنىدىغان ئۆزىمىزنىمۇ مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ قويايلى. 2026-يىلى، بىز تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ ئىللىق ئادەم بولايلى.
给自己一个新的开始,丢掉不适合的感情、不积极的情绪、不健康的生活习惯,以及那个懒惰的自己,告诉自己在新的一年,一定要认真去生活。
ھەممىنى يېڭىدىن باشلاپ، ئۆزىمىزگە ماس بولمىغان ھېسسىيات، پاسسىپ كەيپىيات، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى، ھەمدە ھورۇن ئۆزىمىزنى تاشلىۋېتىپ، ئۆز-ئۆزىمىزگە يېڭى بىر يىلدا ئەستايىدىللىق بىلەن ياشاش كېرەكلىكىنى ئېيتايلى.
我们这一生,想要变得更好,就要很勇敢地去割舍一些东西,也要有勇气让自己去过全新的生活,并将这种好的改变坚持下去。
بۇ ھاياتتا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلىماقچى بولساق، بەزى نەرسىلەردىن قەيسەرلىك بىلەن ۋاز كېچىشىمىز، پۈتۈنلەي يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش غەيرىتىمىز بولۇشى، ھەمدە بۇ خىل ئۆزگىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ღ ღ ღ
坚持去做一件你想做的事
قىلغۇڭىز بار ئىشتىن بىرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ
我之前就感慨过,那些看起来不能赢的人,往往能走到最后。
مەن بۇرۇنلا يېڭەلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدىغانلارنىڭ ھەمىشە ئاخىرقى نۇقتىغا بارالايدىغانلىقىغا خۇرسىنغانىدىم.
就拿我来说,五年前我不是大学同学里最聪明的那一个,八年前我不是我们老师最看重最偏爱的那一个,十年前我也不是我们班上长得最好看最聪颖的那一个,但现在回头看,我发现我并不比在那些时刻,因为成绩好得到老师喜欢、因为长得好看被喜欢的女同学们过得差。
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، بەش يىل ئىلگىرى مەن داشۆدىكى ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدىكى ئەڭ ئەقىللىقى ئەمەس ئىدىم، سەككىز يىل ئىلگىرى مەن ئوقۇتقۇچىمىز ئەڭ بەك ئېتىبار بېرىدىغان، ئەڭ ئامراق ئوقۇغۇچى ئەمەس ئىدىم. ئون يىل ئىلگىرى مەن سىنىپىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ ئەقىللىق بىرى ئەمەس ئىدىم. بىراق، ھازىر ئارقامغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردىكى ھالىتىگە يەتمەيدىغانلىقىمنى بايقىدىم. چۈنكى، مەن نەتىجەم ياخشى بولغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدىم، چىرايلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن تۇرمۇش ئەھۋالىم باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن قىز ساۋاقداشلىرىمدىن ناچار ئىدى.
这一路,我一直不放弃自己,努力坚持向上。她们一年就做好的事,那我就用两年。
بۇ جەرياندا، مەن ئىزچىل ئۆزۈمدىن ۋاز كەچمەي، قەتئىيلىك بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىدىم. ئۇلار بىر يىلدىلا تاماملىغان ئىشقا مەن ئىككى يىل سەرپ قىلدىم.
这一路走来,有些女孩收获了一些喜欢,就去跟男孩们谈恋爱了,不再想着自我发展;也有些收获到一些还不错的夸奖,就开心或者就此满足;年轻的时候,很容易迷路,走着走着就丢失了方向。
بۇ جەرياندا، بەزى قىزلار باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىماي، ئوغۇللار بىلەن مۇھەببەتلەشتى؛ يەنە بەزىلىرى يامان ئەمەس ماختاشقا ئېرىشىپ خۇشال بولدى ياكى مۇشۇنىڭ بىلەن قانائەتلەندى؛ ئادەم ياش چاغلىرىدا، يولىدىن ئاسانلا ئادىشىپ قالىدۇ، مېڭىپ-مېڭىپ يۆنىلىشىدىن ئېزىپ كېتىدۇ.
但我觉得自己没她们那么聪明,也没那么好看,还觉得自己有点笨,需要很努力很努力,才能看起来和她们一样,于是一直努力提高自己。
بىراق، مەن ئۇلاردەك ئەقىللىقمۇ، چىرايلىقمۇ بولمىغانلىقىم، ھەتتا، ئازراق دۆترەك بولغانلىقىم ئۈچۈن، تېخىمۇ بەكرەك، تېخىمۇ بەكرەك تىرىشسام ئاندىن كۆرۈنۈشتە ئۇلارغا ئوخشىيالايتتىم. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئىزچىل تىرىشىپ ئۆزۈمنى تاكاممۇللاشتۇردۇم.
现在再回头看这一路,我比谁都相信坚持的力量,比谁都清楚一件看起来很小的事,但如果你坚持做下去,收获是会很大的。
ھازىر ئارقامغا ئۆرۈلۈپ مۇشۇ جەريانلارنى ئەسلىسەم، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كۈچىگە ھەممىدىن بەك ئىشەنگۈم كېلىدۇ، قارىماققا ناھايىتى كىچىك، ئەمما، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان ئىشتىن زور نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى ھەرقانداق ئادەمدىن ئېنىق بىلىمەن.
只要你能坚持,敢坚持。
بۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىڭىز، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشىڭىز كېرەك.
所以,在新的一年,如果你有想做的事,那就一定要去做,去尝试。
شۇڭا، يېڭى بىر يىلدا قىلغۇڭىز بار ئىشلار بولسا چوقۇم قىلىڭ، سىناپ بېقىڭ.
如果你想去学舞蹈,那就去学,不要担心自己是小白,只要你能坚持下去,一年足够你学会十几支舞蹈;
ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنگۈڭىز بولسا ئۆگىنىڭ، ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ، پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىزلا، بىر يىل سىزنىڭ ئون نەچچە ئۇسسۇل ئۆگىنىۋېلىشىڭىزغا يېتىدۇ؛
如果你想减肥,那就去运动,控制饮食,坚持每天有氧无氧,一年也可以练出马甲线了;
ئورۇقلىغۇڭىز بولسا ھەرىكەت قىلىڭ، يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى كونترول قىلىڭ، ھەر كۈنى ئوكسىگېنلىق، ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسىڭىز، بىر يىلدا مۇسكۇل سىزىقى چىقىرالايسىز؛
如果你想学习一项新技能,那就抽空去学,可能现在对比那些大牛,你的技艺很稚嫩,但请相信坚持的力量,做下去,一年、两年、五年,到最后你也不会很差的。
يېڭى ماھارەت ئۆگەنگۈڭىز بولسا ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىڭ. ئاشۇ قالتىس ئۇستاملارغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر سىزنىڭ ماھارىتىڭىز بەكلا ئەرزىمەس بىلىنىشى مۇمكىن. بىراق، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ تىرىشسىڭىز، بىر يىل، ئىككى يىل، بەش يىل بولغاندا، سىزمۇ ئۇنچە ناچار بولىۋەرمەيسىز.
在新的一年,找到你想做的那件事,然后玩命地、坚定地、坚持地走下去,你会收获更好的自己。
يېڭى بىر يىلدا ئۆزىڭىز قىلغۇڭىز بار ئىشنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن، قەتئىيلىك بىلەن چوقۇم داۋاملاشتۇرسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىزنى بارلىققا كەلتۈرەلەيسىز.
ღ ღ ღ
现在立刻就去行动
ھازىرنىڭ ئۆزىدە، مۇشۇ ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ
在我们这个时代,不缺有想法的人,不缺聪明的人,缺的是想做什么就马上去做,并一定要做成的人。
بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە، ئۆزىگە خاس ئوي-خىيالى بار ئادەملەر، ئەقىللىق ئادەملەر كەم ئەمەس، كەم بولغىنى قىلغۇسى بار ئىشنى دەرھال باشلايدىغان، ھەمدە چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقىدىغانلار.
我们很多人,知道自己该做什么,知道自己想做什么,但行动的时候就是拖延症,拖着拖着就不想去做了。
بىزنىڭ نۇرغۇنىمىز نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، نېمە قىلغۇمىز بارلىقىنى بىلسەكمۇ، ئەمما، ھەرىكەتكە ئۆتىدىغاندا سۆرەلمىلىك قىلىمىز، ئارقىغا سۆرەۋەرگەنلىكتىن، ئۇ ئىشنى قىلغۇمىز كەلمەس بولۇپ قالىدۇ.
所以,如果你真的想改变,希望在新的一年拥有不一样的自己,就戒掉拖延,逼自己成为一个行动达人。
شۇڭا، راستتىنلا ئۆزگەرگۈڭىز بولسا، يېڭى بىر يىلدا يېڭىچە ئۆزىڭىزگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سۆرەلمىلىكنى تاشلاپ، ئۆزىڭىزنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشتە ئىككىلەنمەيدىغانلارغا ئايلاندۇرۇڭ.
不要觉得真有随随便便的成功,没有的,那些比你厉害的人,只是比你对自己更下得去手。
مۇنداقلا تىرىشىپ قويسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغاندەك ھېس قىلماڭ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. سىزدىن قالتىس ئاشۇ كىشىلەر ئۆزىگە سىزدىنمۇ بەكرەك قاتتىق قوللۇق قىلالايدۇ.
相比躺在床上刷刷娱乐软件、吃吃薯片、打打游戏,看数据报表,看专业书,做ppt,去健身房跑5公里,这些很累很辛苦,对任何人来说都是一样的。
كارىۋاتتا يېتىپ كۆڭۈل ئېچىش يۇمشاق دېتالى كۆرۈش، بەرەڭگە ياپراقچىسى يېيىش، ئويۇن ئويناشتىن، سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى كۆرۈش، كەسپىي كىتاب كۆرۈش، ppt ياساش، چېنىقىش سارىيىغا بېرىپ بەش كىلومېتىرغا يۈگۈرۈش قاتارلىقلار ئېلىپ كېلىدىغان ھېرىقچىلىق ۋە جاپالار ھەممە ئادەمگە ئوخشاش.
那些比你厉害的人,就是在你一次次偷懒的时候,战胜了自己,在这个过程中越来越优秀的。
سىزدىنمۇ قالتىس كىشىلەر سىز قايتا-قايتا ھورۇنلۇق قىلىۋاتقاندا، ئۆزىنى يېڭىدۇ ھەم بۇ جەرياندا تېخىمۇ مۇنەۋۋەرلىشىدۇ.
逼自己一次次离开舒适区,逼自己不断往前走,你才能变得优秀,成为更好的自己。
ئۆزىڭىزنى راھەت رايوندىن ئايرىلىشقا قايتا-قايتا مەجبۇرلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە مەجبۇرلىسىڭىز، ئاندىن مۇنەۋۋەرلىشىپ تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىزگە ئايلىنالايسىز.
别犹豫,别纠结,别焦虑,这些都是成本。穿好衣服,装好电池,拿起武器,勇敢地往前冲吧。
ئىككىلەنمەڭ، ئارىسالدى بولماڭ، تەشۋىشلەنمەڭ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەننەرخ. كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ، «باتارىيە»نى سېلىپ، لازىملىق نەرسىلىرىڭىزنى ئېلىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا قاراپ ئېتىلىڭ.
当你把努力作为生命状态接受下来,一切也没那么辛苦了。
تىرىشچانلىققا تۇرمۇشنىڭ بىر خىل ھالىتى سۈپىتىدە قارىغىنىڭىزدا، ھېچنەرسە ئۇنچە جاپالىق بىلىنمەيدۇ.
希望我们在2026年,都能玩得尽兴,让努力变成一件很开心的事,到明年的此刻,也能自豪的说一句“这一年,我活得充分、无憾”。
2026-يىلىدا، ھەممىمىزنىڭ قانغۇچە ئوينىيالىشىمىز، تىرىشچانلىقنى ئۆزىمىزنى خۇشال قىلالايدىغان ئىشقا ئايلاندۇرالىشىمىز، كېيىنكى يىلى پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇ بىر يىلدا، مەن ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلاندىم، ئارمانسىز ياشىدىم» دېيەلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇قاراش نۇقتىڭىز يېتەلەيدىغان يۈكسەكلىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
◇ چوڭ ئىش قىلالايدىغانلاردا بولىدىغان تۆت ئالاھىدىلىك
◇ ھاياتلىقنى ئۇنچە ئېچىنىشلىقتەك ئويلىۋالماڭ
◇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىنمۇ مۇھىم بولغىنى نېمە؟
◇ ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىش، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئاجىزلىقتۇر
◇ بىر قىزىقىشى بولۇش جورىسى بولۇشتىنمۇ مۇھىم
◇ كىم سىزنى ۋاز كەچتۈرگەن بولسا، سىز شۇنى مەغلۇب قىلىڭ
◇ ھاياتتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۈچ خىل پەزىلەت
◇ ياخشى ئادەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئەمما، «تىكىنىڭىز»مۇ بولۇشى كېرەك
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 人民网维吾尔文版
2026-01-02 12:50:11 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1本网站内容仅供个人学习、研究和欣赏,未经授权禁止用于任何商业用途。
- 2网站中的代码示例仅用于教育目的,使用时请遵循相关开源协议和授权规定。
- 3转载或引用本站内容请注明出处,尊重原创,共同维护良好的创作环境。
- 4网站评论区欢迎理性讨论,请勿发表违反法律法规的言论,共建和谐社区。
- 5如有内容侵犯您的权益,请通过博客联系方式告知,将立即核实并处理。
- 6使用本站资源时产生的任何问题与后果需自行承担,请谨慎操作。























ھازىرچا ئىنكاس يوق