
بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى كوماندىلار ئاساسىي جەھەتتىن 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، 100 نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قايسى كوماندىلار ئاستا-ئاستا قەد كۆتۈرۈپ چىقتى، بەزى كوماندىلار دەسلەپتىلا زەردار كوماندا ئىدى، مەسىلەن خانلىق مادرىد، لىۋېرپول قاتارلىقلار، مانچېستېر شەھىرى، چېلسى قاتارلىق كوماندىلارغا ئوخشاش بەزى كوماندىلار بولسا زور مەبلەغ بىلەن بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندىلارغا ئايلاندى. مەيلى قانداق تەرەققىيات يولى بولسۇن، ھەر بىر زەردار كوماندىنىڭ نەچچە ئون چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بار، بۈگۈن بىز زەردار كوماندىلارنىڭ چېمپىيونلۇق سانىنى ئېنىقلاپ، كىمنىڭ چېمپىيونلۇق سانى ئەڭ كۆپ كوماندا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

چېلسى: 35 قېتىم چېمپىيون بولغان
«كۆك قوشۇن» بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا جەمئىيەت لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى تۇنجى بولۇپ ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە بارلىق چېمپىيونلۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندىغا ئايلاندى. «كۆك قوشۇن»نىڭ كوماندا تارىخىدا جەمئىي 35 چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە ئالتە قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا، سەككىز قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، تۆت قېتىم رايون قالقان لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، بەش قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ۋە ئىككى قېتىم ئېنگلاند ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، «كۆك قوشۇن» يەنە ئىككى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئىككى قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى، بىر قېتىم ياۋروپا جەمئىيەت لوڭقىسى ۋە ئىككى قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

مانچېستېر شەھىرى: 43 قېتىم چېمپىيون بولغان
باش كۆتۈرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان مانچېستېر شەھىرىنىڭ ھازىر 43 چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بار، بۇ 2022 / 2023 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە 10 قېتىملىق ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 1936 / 1937 مۇسابىقە پەسلىدىلا مانچېستېر شەھىرى ئېنگلاند ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. يېقىنقى بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر شەھىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مانچېستېر شەھىرى يەنە بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، يەتتە قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، يەتتە قېتىم رايون قالقان لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، سەككىز قېتىم ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە يەتتە قېتىم ئېنگلاند ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

خەلقئارا مىلان: 46 قېتىم چېمپىيون بولغان
«كۆك قارا قوشۇن» خەلقئارا مىلان بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھېچقانداق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەي، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يىقىلدى، بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. «كۆك قارا قوشۇن» كوماندا تارىخىدا 46 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيە دۆلەت ئىچى مۇسابىقىسىدە 20 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، توققۇز قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، سەككىز قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. يەنە ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، ئىككى قېتىم قىتئەلەر ئارا لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

AC مىلان: 52 قېتىم چېمپىيون بولغان
«قىزىل قارا قوشۇن» AC مىلان گەرچە يېقىنقى بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدە ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كوماندا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىنتايىن شانلىق تارىخقا ئىگە. ئۇلار يەتتە قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەش قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى، ئۈچ قېتىم قىتئەلەر لوڭقىسى چېمپىيونى، ئىككى قېتىم ياۋروپا غالبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان. دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە AC مىلان 19 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، سەككىز قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بەش قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ئىككى قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

پارىژ سانت گېرمان: 55 قېتىم چېمپىيون بولغان
يېڭى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى پارىژ سانت گېرمان كوماندا تارىخىدا 55 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئىگە، 1970-يىلى قۇرۇلغان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارىژ سانت گېرماننىڭ ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدە باش كۆتۈرگىنىگە ئون نەچچە يىل بولدى. 2024 / 2025 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى كوماندىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپانىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پارىژ سانت گېرمان يەنە 13 قېتىم فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، 16 قېتىم فىرانسىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، توققۇز قېتىم فىرانسىيە بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 13 قېتىم فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم فىرانسىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بىر قېتىم خەلقئارا توتو لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

مانچېستېر بىرلەشمىسى: 70 قېتىم چېمپىيون بولغان
مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېنگلاند تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 100 يىلدىن ئارتۇق كوماندا تەرەققىياتىدا جەمئىي 70 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 20 قېتىملىق ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، 13 قېتىملىق ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 21 قېتىملىق رايون قالقان لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئالتە قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ئىككى قېتىملىق ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى، بىر قېتىم قىتئەلەر ئارا لوڭقىسى، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى، بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى بار.

لىۋېرپول: 72 قېتىم چېمپىيون بولغان
لىۋېرپول 2024 / 2025 مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئېنگلاند پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كوماندىغا ئايلاندى. «قىزىل قوشۇن» يۈز يىللىق كوماندا تارىخىدا 72 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 20 قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، سەككىز قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى، 16 قېتىم رايون قالقان لوڭقىسى، 10 قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە تۆت قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «قىزىل قوشۇن» ئېنگلاند پۇتبول ساھەسىنىڭ غوللۇق كوماندىسى بولۇپ، ئالتە قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، تۆت قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

يۇۋېنتۇس: 72 قېتىم چېمپىيون بولغان
يۇۋېنتۇس ئىتالىيەدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن 36 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بەش چوڭ بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندا ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۇۋېنتۇس يەنە 15 قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى، توققۇز قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم ئىتالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئىككى قېتىم قىتئەلەر ئارا لوڭقىسى، ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى، بىر قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم خەلقئارا توتو لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

بايرېن مىيۇنخېن: 84 قېتىم چېمپىيون بولغان
بايرېن مىيۇنخېن گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جەمئىي 84 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە دۆلەت ئىچىدە، بايرېن مىيۇنخېن 34 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونى، 20 قېتىم گېرمانىيە لوڭقىسى چېمپىيونى، 10 قېتىم گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە ئالتە قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتە قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

بارسېلونا: 102 قېتىم چېمپىيون بولغان
بارسېلونا 125-يىللىق كۇلۇب تارىخىدا 102 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، بارسېلونا بىر ئەۋلاد توپچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەمئىي بەش قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، بەش قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئۈچ قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى، تۆت قېتىم ياۋروپا غالبىيەتچىلەر لوڭقىسى، ئۈچ قېتىم خەلقئارا شەھەر كۆرگەزمىسى لوڭقىسى قاتارلىق چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشكەن. ئىسپانىيە دۆلەت ئىچىدە بارسېلونا 28 قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، 32 قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، 15 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئىككى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ 102 چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ شانلىق تارىخىي ئاساسىنى يېزىپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى مۇسابىقىلەر تارىخنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىدە يوقاپ كەتكەن. بارسېلونانىڭ 125 يىللىق شانلىق تارىخى چېمپىيونلۇق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى كۇلۇبلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

خانلىق مادرىد: 106 قېتىم چېمپىيون بولغان
خانلىق مادرىدتا 106 چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 15 قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى بار بولۇپ، خانلىق مادرىدنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندىغا ئايلاندۇرغان. 36 قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، شۇنداقلا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 20 قېتىم شاھلىق لوڭقىسى، 13 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئالتە قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، بىر قېتىم قىتئەلەر ئارا لوڭقىسى، ئىككى قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى، بەش قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ 106 چېمپىيونلۇق لوڭقىسى 122 يىللىق تارىخقا ئىگە خانلىق مادرىدنى پۇتبول دۇنياسىدا چاقنىتىۋەتتى. ھەمدە خانلىق مادرىد يەنىلا شانلىق كۇلۇب تارىخىنى يېزىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ چېمپىيونلۇق لوڭقىلىرى كوماندىنىڭ ئېرىشىشىنى كۈتمەكتە.
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : Putbol一Yurti
2025-07-12 14:58:07 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1本网站内容仅供个人学习、研究和欣赏,未经授权禁止用于任何商业用途。
- 2网站中的代码示例仅用于教育目的,使用时请遵循相关开源协议和授权规定。
- 3转载或引用本站内容请注明出处,尊重原创,共同维护良好的创作环境。
- 4网站评论区欢迎理性讨论,请勿发表违反法律法规的言论,共建和谐社区。
- 5如有内容侵犯您的权益,请通过博客联系方式告知,将立即核实并处理。
- 6使用本站资源时产生的任何问题与后果需自行承担,请谨慎操作。























ھازىرچا ئىنكاس يوق