شەھىرىمىزدە يېڭىدىن سېلىنغان 150 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى
مۇخبىرنىڭ يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، شەھىرىمىزدە يېڭىدىن سېلىنغان 150 ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلگەن.
شىمىگو رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر قىياپىتى تازىلىقىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى زېڭ جېڭچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىمىگو رايونى، يېشىللىققا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان ئەھۋالدا، 30 ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى. سايباغ رايونى بۇلتۇر كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاممىۋى ھاجەتخانا ئورنىنى بېكىتكەندىن كېيىن، دوستلۇق سودا چەمبىرىكى، رۇڭخې شەھەرچىسى ئولتۇراق رايونى قاتارلىق رايونلاردا يېڭىدىن 30 ئاممىۋى ھاجەتخانا سالغان. بۇ ئاممىۋى ھاجەتخانىلار ئاساسلىقى ئادەم ئېقىمى كۆپ سودا چەمبىرىكى ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانا قىس بولغان بەزى چوڭ تىپتىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن.
نۆۋەتتە، شەھىرىمىزدە 622 شەھەر رايونى مۇھىت تازىلىقى ئاممىۋى ھاجەتخانىسى، 78 باغچا ئاممىۋى ھاجەتخانىسى ۋە 244 ساياھەت ئاممىۋى ھاجەتخانىسى بار بولۇپ، شەھىرىمىز مۇھىت تازىلىقى ئاممىۋى ھاجەتخانىلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇشنى يولغا قۇيۇپ، كۆرسەتمە ۋە بەلگىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر رايونىدىكى مۇھىت تازىلىقى ئاممىۋى ھاجەتخانىلىرىنى ئەپ دېتال ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.




翻译:玛依拉
编辑:帕夏古丽
一审: 热依汗古力
二审:穆拉地力
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 乌鲁木齐维吾尔语广播
2026-01-29 10:03:14 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。

















ھازىرچا ئىنكاس يوق