«زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى جاي» دېگەن تارىخىي مەدەنىيەت بەلگە تاختىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى
1-ئاينىڭ 4-كۈنى، «زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى جاي» ۋە «زۇڭتاڭ راۋىقى»دىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى تارىخىي مەدەنىيەت بەلگە تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى خوتەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، «زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى جاي» تارىخىي مەدەنىيەت بەلگە تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى نۇسۇي كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. رېن ياۋېن فوتوسى

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، «زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى جاي» تارىخىي مەدەنىيەت بەلگە تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا، زو زۇڭتاڭنىڭ ئەۋلادى (2-رەت ئوڭدىن 5-كىشى) نۇسۇي كەنتىدىكى كىچىك دوستلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە. رېن ياۋېن فوتوسى
زو زۇڭتاڭ، خۇنەن شياڭيىندىن چىققان مىللەت قەھرىمانى. ئۇ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان ئېگىلمەس – سۇنماس جاسارىتى، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئۇنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشتەك ئۆچمەس تۆھپىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇانىڭ يېقىنقى زامان تارىخ سەھىپىسىگە نەقىشلەندى، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى.
«زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى جاي» دېگەن تارىخىي مەدەنىيەت بەلگە تاختىسى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى نۇسۇي كەنتىدە تەسىس قىلىندى. تارىختا خاتىرىلىنىشىچە، 1876-يىلى، شىنجاڭنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خان مۇپەتتىشى زو زۇڭتاڭ «ئاۋۋال شىمال، ئاندىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش، ئاستا ئىلگىرىلەپ جىددىي جەڭ قىلىش» تاكتىكىسىنى قوللانغان، 1878-يىلى 1-ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىن ھالقىپ ئۆتكەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى زو زۇڭتاڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، قوماندانلىقى بىلەن بۈگۈنكى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى نۇسۇي كەنتى تەۋەسىدە شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياقۇپبەگنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ياقۇپبەگنىڭ قالدۇق قوشۇننى يوقاتقان. بۇ، زو زۇڭتاڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى باشلاپ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندىكى ئەڭ ئاخىرقى جېڭى بولۇپ، ھەم ئەنگلىيە، رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىنى ئىگىلىۋالماقچى بولۇش سۇيىقەستىنى ئاخىرلاشتۇرغان، ھەم كېيىن ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە شىنجاڭدا دىۋان ۋازارىتى تەسىس قىلىشقا يول ئاچقان.

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، «زۇڭتاڭ راۋىقى» تارىخىي مەدەنىيەت بەلگە تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى چالباش كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. رېن ياۋېن فوتوسى
«زۇڭتاڭ راۋىقى» تارىخىي مەدەنىيەت بەلگە تاختىسى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى چالباش كەنتىدىكى ياڭاق شاھى باغچىسىدا تەسىس قىلىندى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، 1877-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، زو زۇڭتاڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى باشلاپ تىيانشاندىن ھالقىپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ خوتەننى قايتۇرۇۋالغاندا، لەشكەرلەر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ياڭاق شاھىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ: «بۇ دەرەخ دۇنيادىكى دەرەخلەرنىڭ كاتتىسى ئىكەن!» دېگەن. كېيىن، خوتەن ناھىيەسىدىكى ئامما ھەققانىيەت يولىدا مەردانە بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنى كۈچەپ ئوڭشىغان زو زۇڭتاڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ياڭاق شاھى باغچىسىدا «زۇڭتاڭ راۋىقى»نى ياسىغان.
يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدىن كېيىن، پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ «زو زۇڭتاڭ تىككەن بىر تۈپ سۆگەتكە مۇجەسسەملەنگەن 100 يىللىق دۆلەت مۇھەببىتى» باش تېمىسىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى-تەزكىرە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شۆ يۈەن، قومۇل زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ خاۋپېڭ زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەتكە يوشۇرۇنغان ھېكايە قاتارلىقلارنى سۆزلەش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر ئەتراپنى قورشىۋالغان، تاشقى دۈشمەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، غەربىي شىمال چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىغان خەتەرلىك پەيتتە، ئەيىبلەش ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىسىمۇ، خىراجەت كەمچىل بولۇش، يول يىراق بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، زو زۇڭتاڭنىڭ قەتئىيلىك بىلەن شەخسىي شەرەپ ـ نومۇسى، ھەتتا ھايات ـ ماماتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، چوڭ قوشۇننى باشلاپ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى نامايان قىلدى.

زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغانلىق تارىخىي مەدەنىيەت مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە نەق مەيدانى. رېن ياۋېن فوتوسى
زو زۇڭتاڭنىڭ ئەۋلادى زو فېڭ پائالىيەتكە قاتناشقاندا مۇنداق بىلدۈردى: «بۈگۈنكى خوتەن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ھەر مىللەت ئاكا – ئىنى، ئاچا – سىڭىللار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىسىگە دەل زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار جەزمەن زو زۇڭتاڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ».
بۇ ماقالە ئۈندىدار سالۇنىدىن كەلگەن : 新疆日报维吾尔文
2026-01-07 18:21:19 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ زىبىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئەڭ گۈزەل wordpress تور بەت قۇرۇش ئۇسلۇبى ھەقسىز …
- 1بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئۆگىنىشى ، تەتقىق قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تەمىنلىنىدۇ ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەر قانداق سودىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ 。
- 2تور بېكەتتىكى كود ئۈلگىسى پەقەت مائارىپ مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىدۇ ، ئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق كودلۇق كېلىشىم ۋە ھوقۇق بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىڭ 。
- 3كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياكى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ئەسلى نۇسخىسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدايلى 。
- 4تور بېكەت ئىنكاس رايونى ئاقىلانە مۇزاكىرە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلماڭ ، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىڭ 。
- 5ئەگەر مەزمۇن ھوقوقىڭىزغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولساق ، بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، دەرھال ئۈچۈرۋېتىمىز ! قىلىدۇ 。
- 6مەزكۇر پونكىت بايلىقىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلە ۋە ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ، ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك 。



















ھازىرچا ئىنكاس يوق